ھىجران (شېئىر)
نۇرئەلى (ئېلى) بەڭۋاش
سۆيگەن ئىدىم سنى شۇنچىلىك ،
كىتىپ قالدىڭ قارىماي ماڭا .
مەن قارىدىم ئارقاڭدىن جانان ،
ئىيتالماستىن سۆزۈمنى ساڭا .
ئۆتتى ئايلار ئۆتتى كۆپ يىللار ،
قىينار ئىشق ئوتلىرى ھامان .
سنى كۈتۈپ ئۆتكەن كەچ تاڭلار ،
ئەس يادىمدىن كەچتى شۇ زامان .
قەلبىم ئۆكسۈپ يىغلار ھەسىرەتتە ،
ئاشىق يۈرەك ئۇ ئىغىر دەرتتە .
مۇڭغا پىتىپ قىينالماقتىمەن ،
كۆيمەكتىمەن ئوتتا دەھشەتتە .
كىلەلمىسەڭ كەتكىن كەلمەسكە ،
ساڭا ئاشىق يۈرەكنى ئىلىپ .
قەلبىم يادلاپ قالسا ئىسمىڭنى ،
يۈرەي تەنھا يوللارنى كىزىپ .
قەلبلەرنى ئۆكسۈتتى ئارمان ،
بۇ كۆيۈشكە يوقمىدۇ دەرمان .
كەلدى ئەنە يىقىنلاپ ھىجران ،
قالالمايمەن ئاھ بەلكىم ئامان ؟
ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرى 18699883886
| 110 قېتىم كۆرۈلدى | 20150220 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-4-3 18:04:05 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|