قار بولۇپ ياققۇم بار ئىتەكلىرىڭگە
ئايتولۇن
قار بۇلۇپ ياققۇم بار ئىتەكلىرىڭگە،
بىردەمدە سىڭىشىپ كەتمەك ئۇچۈن مەن.
لىۋىڭگە قونغۇم بار ئۇچقۇنداپ چۈشۈپ،
بىرلەھزە قانغۇدەك سۈيۈش ئۈچۈن ھەم .
دەسسەپ ماڭغاندا قارلىق يوللارغا،
غىچىرلاپ ناخشىلار ئيتماق ئۈچۈن مەن،
يالىڭاچ شۇ ئەسكى خىياللىرىڭنى،
توڭلىتىپ ھېچكىمگە بەرمەس ئۈچۈن ھەم .
ۋۇجۇدۇم گۈلشەن بوپ ئېچىلار شۇ كۈن،
تېرىيمەن ئېتىزغا بىر تالاي شېئىر.
ھەم قاردەك بىر ئاپئاق سۆيگۈ ئۈنىدۇ،
ھىجرانمۇ كۈمۈلەر شۇندا مىڭ ئەسىر.
| 93 قېتىم كۆرۈلدى | aytolun | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-1-7 11:44:45 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|