نۇرئەلى مۇقىمي - مەن يوق
نۇرئەلى مۇقىمي - مەن يوق

 ئىزدەر بولساڭ ئاڭا تەييار ئاشىچى قاتارىدا مەن يوق ،
 جىدەل تاۋكاسىنى باسقان باشچى قاتارىدا مەن يوق .

 پېقىر شۇنداق جاپاكەشمەن ئىلمىنى دىلغا يار قىلغان ،
 تېپىلماس دەپ ئاڭا ماختاپ قويۇپ ساتارىدا مەن يوق .

 ئالدىراشمەن كۈنى مەشغۇل ئىلىم پەرۋانىسى بىرلە ، 
ھۇرۇنلۇقتىن بىزار دائىم ئۇخلاپ ياتارىدا مەن يوق .

 ھۆرمىتىم كۆپتۇر مېنىڭ پەزىلەت ئەھلى ، مەردانغا ،
 كۆرۈپ ئۆزگىنى بىر ئوۋ چەنلەپ ئاتارىدا مەن يوق .

 دىلىم پاكتۇر ئۆزگىلەرگە بېرەي دىلدىن نۇر -زىيا،
قىلىپ غەيۋەت بازارىدا ئۇلاپ چاتارىدا مەن يوق .

 2015-يىل 9-سېنتەبىر ، ھاراپ




140 قېتىم كۆرۈلدى muqimy ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-9-28 16:07:54  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ