بىركۇنى ھامان بىلىسەن
ئابلىمىتجان ۋاھاپ تەنھا تۇرنا
ئۆتكۈنچىدۇر ئالەم يوللىرى،بار ساڭىمۇ تەخىر قىل بىلىسەن،
ھايات قەۋمىنى قامداشتا قورۇق بولدى قوللىرى بىلىسەن،
بالام دىگەن ئۆي دىگەن،ئەگىرى بولدىغۇ يوللىرى بىلىسەن،
ياشمۇ باردى بىر يەرگە ،خىرەلەشتى كۆزلىرى بۇنى بىلىسەن،
تۇزسىزىق نەچچە،ھەم ئەگىرى، ھايات قۇرلىرى بىلىسەن،
قىلغىنى ھەركۇنى ئەمەس، بىركۇنى ھامان بىلىسەن.
ئۇلۇغ بولغاچ تاغدەك قەد كۆتۇرۇپ ھەرزامان،
دادىلىق مىھرىنى ھەم قەھرىنى يوقاتماس ھامان،
قىلىدۇ نەسھەت، ئىبىرەت ئارا بۇنداق ئىش يامان ،
يەنە پەرزەنىتنىڭ قىلىغىنى ئۇچۇن بولىدىغۇ سامان،
قىلغىنى ھەركۇن ئەمەس بىركۇنى ھامان بىلىسەن.
ئۇ سىنىڭ داداڭ تۇرمايدۇ ئاندا ياشلىقتا،
قىلمىغىن داداڭغا ھاقاراەت، بۇنداق شاشلىقتا،
بار ئۇنىڭدا ساددا مىھىرى، يوق ھەتتا باشلىقتا،
ۋەياكى ئۆز كۆرگەنىڭ جانان قەلەم قاشلىقتا،
قىلغىنىنى ھەركۇنى ئەمەس،بىر كۇنى ھامان بىلىسەن.
بولغاچقا سىخىيلىق قەلبىدە شۇنچە لىقمۇلىق،
ئۆي ئىشلىرى ئوڭ،كۇلەر باللار،ئۆي بولار شادلىق،
بالىسىز ئۆي مازاردۇر،بەردى،بولدى ئالتە بالىلىق،
چوڭ قىلىدى مىھىرى بىلەن،بىربىرلەپ بولدى ياتلىق،
قىلغىنىنى ھەر كۇنى ئەمەس،بىركۇنى ھامان بىلىسەن.
باسسىمۇ ياشانغاندا چوڭ بولغان شۇ بالىلار غىمى ،
ۋايسىماي قىلىدۇ ،بالام دەپلا سىقىلسىمۇ دىمى،
ئىشتىن ئۇزۇلمىگەچ قوللىرى،ئاسانلا كىرلىشىدۇ يىڭى،
يۇيۇپ بىرەي كىيىمىنى دىگىنىمدە دادا سەن قىنى،
قىلغىنىنى ھەركۇنى ئەمەس،ھامان بىركۇنى بىلىسەن…
2016-يىلى 12-ئاينىڭ 6-كەچ
56 قېتىم كۆرۈلدى | tanhaturna | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-12-10 1:48:27 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|