شۇ قىزلارنى بۇزغان زادى كىم
مەمەتجان سەمەت
ئا قىز بۇزۇق ۋاپا يوق دىدۇق،
لىكىن بىلمەي غەيۋەتلەر قىلدۇق.
سەۋەبىنى ئىزدەپ باقمىدۇق،
شۇ قىزلارنى بۇزغان زادى كىم؟
ئاشۇ يولدا خالاپ ماڭغانمۇ؟
يا ئىپپەتنى زورلاپ ساتقانمۇ؟
بۇنى ئەركەك ئويلاپ باققانمۇ؟
شۇ قىزلارنى بۇزغان زادى كىم؟
ئالداپ گۈللەر تۇتۇپ قولىغا،
ئورنىۋېلىپ ئەركەك تونىغا.
قاپقان قۇرۇپ ماڭار يولىغا،
شۇ قىزلارنى بۇزغان زادى كىم؟
تاتلىق شېرىن شېكەر سۆز بىلەن،
ئاچ بورىدەك قاراپ كۆز بىلەن.
تېخى ساددا بىر ئىش كۆرمىگەن،
شۇ قىزلارنى بۇزغان زادى كىم؟
سۆيگۈ سوراپ بېرىپ يېنىغا،
غەمسىز ئۆتكەن ئاشۇ چېغىغا.
بـالا قازا بولۇپ بېشىغا،
شۇ قىزلارنى بۇزغان زادى كىم؟
تۇرسا يارىڭ ئۆيۈڭدە ساقلاپ،
سەن قەلبىڭگە باشقا يار باشلاپ.
چىن مۇھەببەت سۆيگۈنى خارلاپ،
شۇ قىزلارنى بۇزغان زادى كىم؟
كىرىپ نەپسى شايتان كەينىگە،
شـاراپ ئىچىپ تـازا كەيىپتە.
ھايۋان كەبى بولۇپ مەسلىكتە،
شۇ قىزلارنى بۇزغان زادى كىم.
قىلىپ شۇنداق يامان ئىشلارنى،
ئويلاپ قويماي سەبى قىزلارنى.
قالدۇرۇپ سەن ئۆچمەس ئىزلارنى،
شۇ قىزلارنى بۇزغان زادى كىم؟
ئاپتورى: مەمەتجان سەمەت
ئۈندىدار: چ چ : 308381500
469 قېتىم كۆرۈلدى | مەمەتجان سەمەت | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-2-13 0:15:20 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|