مەن ساراڭ
ئابدۇرسۇل ئەزىز قۇتلۇق
ساختا ۋەدە قەسەمگە،
ئىشەنگەنمۇ مەن ساراڭ،
سىنى سۆيدۈم دىگەنگە ،
ئالدانغانمۇ مەن ساراڭ،
شېرىن تاتلىق سۆزلەرگە،
گول بولغانمۇ مەن ساراڭ…
سۆيمىگەنىڭ ئارقىدىن،
يۈگۈرگەنمۇ مەن ساراڭ…
ئۆزۈمدىنمۇ چوڭ كۆرۈڭ،
ئەزىزلىگەن مەن ساراڭ،
تالاي يالغان سۆزلەرگە
سەبىر قىلغان مەن ساراڭ…
ۋىجدانسىزلار قەلبىدىن،
ئۈمۈت كۈتكەن مەن ساراڭ·
پۇرسەت بېرىپ قايتىدىن،
قۇچاق ئاچقان مەن ساراڭ…
تاشلاپ كەتسە ئارقىدىن،
يېلىنغانمۇ مەن ساراڭ،
ۋاز كىچىشنى بىلەلمەي،
تېڭىرقىغان مەن ساراڭ…
ئىزدەپ بېرىپ يېنىغا
زىرىكتۈرگەن مەن ساراڭ،
كەچۈرۈم سوراپ ئۇنىڭدىن
ياش تۆككەنمۇ مەن ساراڭ…
ۋاپاسىزلار كەينىدىن،
ۋاپا كۈتكەن مەن ساراڭ
تاڭ ئاتقۇچە ئۇخلىماي،
سېغىنغانممۇ مەن ساراڭ…
سۆيمىگەننى گۈل بىلىپ،
قىسىپ يۈرگەن مەن ساراڭ،
سۆيگەنلەرنى يېغلىتىپ،
دەتتە قويغان مەن ساراڭ…
2017-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى
كۇچا
35 قېتىم كۆرۈلدى | rusul | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-1-3 17:56:41 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|