بىز ئاددى پىدائى
رىزۋانگۈل (مودەن)
بىكار كەلمەس ئېشىمىز،
كۆپتۇر يەنە ئىشىمىز.
جان كۆيدۈرۈ ئۆزگىگە،
ئۆتەر يازۇ-قىشىمىز.
بىزگە يوقتۇر دارامەت،
ياكى ئۇندا كارامەت.
پىدائى بىز ئاددىيلا،
مېھرىمىزدۇر ئالامەت.
يۈرەك تولغان مېھىرگە،
سۆيگۈ ئاتلىق سېھىرگە.
قازانغاندا ئۇتۇقلار،
كۈلكە يۈگرەر چىھىرگە.
بارلىقىمىز ئاتالغان،
مۇھتاجلارغا يارالغان.
نائىنساپلار جېنىغا ،
خۇددى مىخ بوپ قادالغان.
قورقمايمىز جاپادىن،
گاھ قالىمىز قاتادىن.
ئىزدىنىمىز توختىماي،
ئىبرەت ئېلىپ خاتادىن.
يۈتكەنلەرنى ئىزلەيمىز،
خاتالارنى تۈزلەيمىز.
ساپتۇر بىزنىڭ نىيتىمىز،
ياخشى ئىشنى كۆزلەيمىز.
تامايىمىز يوق بىزنىڭ،
ماختىشىغائۆزگىنىڭ
پىدائىسى بىز مەڭگۈ،
يۈتكەن بارچە ئەزىزنىڭ.
2016-يىل 5-دىكابىر. مايتاغ
ئۈندىدارىمدىكى بارلىق ئاق كۆڭۈل، جاپادىن قورقىمايدىغان مېھرى ئاتەش پىدائىلار ئۈچۈن.خۇشال كۈلكىلەر چىھرىڭلاردا ھەر مىنۇت جىلۋە قىلسۇن!!!!
105 قېتىم كۆرۈلدى | رىزۋانگۈل (مودەن) | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-12-16 14:38:35 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-12-19 4:30:15 | ئادىل |
ئىسىل قولىڭىز غا دەت بەرمىسۇن |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|