ئۆلۈپ كەتسەم بىر كۈنى (شېئىر) - تۇرغۇن راخمان

ئۆلۈپ كەتسەم بىر  كۈنى
تۇرغۇن راخمان( كەمتەر)

ئالتە كۈنلۈك ئالەمدە،
قىينىلامدۇق، سۆيەلمەي،
ماي تاتىشىپ بىھۇدە،
زارلىنامدۇق، كۈلەلمەي.

نىچۈن ئوتقا تاشلايمىز،
ئەقىدىلەر  بىرەلمەي،
ھايات تۇرسا تۆت كۈنلۈك،
تېڭىرقامدۇق يۈرەلمەي.

قىينالدىغۇ بۇ جىنىم،
ۋىسالىڭغا يىتەلمەي،
نىمە ئۈچۈن قىينايسەن،
زادى  تاتلىق كۈلەلمەي.

ئۆتۈپ كەتسە بۇ ياشلىق،
ھەرگىز قايتىپ كەلمەيدۇ،
سۆيۈلۈشنى بىلمىسەڭ،
بەخت ئۇچۇپ كەلمەيدۇ.

يېڭى يارنى چوڭ بىلمەڭ،
كونا يارىڭغا يەتمەيدۇ،
بىلىپ باقساڭ قەلبىمنى،
ئاق قارغىلا  ئوخشايدۇ.

تاشلاپ كەتساڭ ناۋادا،
پۇشايماندا قالۇرسەن،
ئۆلۈپ كەتسەم  بىر كۈنى،
قەبرەم ئىزلەپ قالۇرسەن.
     





122 قېتىم كۆرۈلدى تۇرغۇن راخمان ( كەمتەر) ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-31 5:39:55  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ