يىرتىلغان يۈرەك (شېئىر) - رەيھانگۈل راشدىن

يىرتىلغان يۈرەك

رەيھانگۈل راشىدىن (قىرۇۋ)

گەر ئازاپتا يىرتىلسا يۈرەك،
غەم-قايغۇلار چاۋاك چالارمۇ؟
خوشاللىقتىن گاھ بەرسە دېرەك،
ھىجرانلارغا يەمچۈك بولارمۇ؟

قانسىرايدۇ يىرتىلغان يۈرەك،
مۇھەببەتكە قانالماي پەقەت.
ئاھ تۇنجۇقۇپ قالدىغۇ تىلەك،
قىرۇۋلاردا قالغاندەك ئەبەت.

بەخت بىلەن يىرتىلسا يۈرەك،
خوشاللىقى ئارمىنى قالماس،
شاتلىق يېشى سۈرۈتسە بىلەك،
ئۆمۈر بويى ھەرگىزمۇ تالماس.

2016.12.27
     





263 قېتىم كۆرۈلدى رەيھانگۈل راشدىن ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-29 16:12:31  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-4-10 17:04:44 ياسىنجان
ياخشى يېزىپسىز
2017-1-3 15:40:29 قەيسەر يۈرەك
بەك ياخشىكەن
2017-1-3 2:23:32 رەناگۈل
قالتىس ياخشى يېزلىپتۇ.
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ