سەن مىنى قايتىدىن سۈيىمەن دىمە (شېئىر) - زۇلپىيە ئۆمەر كاكتۇس

سەن مىنى قايتىدىن سۈيىمەن دىمە!

زۇلپىيە ئۆمەر كاكتۇس

مۇھاببەت ئۇ ئەسلى بىر تاتلىق ئۇقۇم,
ئەممائۇ ھازىرچە ماڭا بىر ئازاب.
سەن ئۈچۈن ھەر تاڭدا سۈبھىنى كۈتۈپ,
تاڭ سەھەر گۈل ئۈزدۈم ساڭىلا ئاتاپ.

ئارىمىز بەك يېقىن كۈرۈشمەك قىيىن,
ئىزتىراپ چىكىدۇ يۈرەك تىگىدىن .
سەن ئۈچۈن تىزىغان شۇ قىزىل گۈلدىن,
مۇڭ تۈكۈلۈپ تۇرىدۇ ھاتتا بەرگىدىن .

خىيالىمدا دائىملا بىرگە سەن بىلەن ,
ئەمما سەن پەرۋاسىز ئۆز ئىشىڭ بىلەن.
قىش ياكى تۇمۇزدا ئۈزگەن گۈلۈمنى ,
خىيالەن ساڭا سۇندۇم چىن مىھرىم بىلەن.

لىكىن سەن يىراقلاپ كەتتىڭ مىنىڭدىن,
توسمايمەن ھەرگىزمۇ بەخىت تىلەيمەن .
جانانىم ئىسىڭدە مەھكەم تۇرسۇنكى ,
مۇڭ بەرگى گۈللەرنى ئالغىن دىمەيمەن.

چۈشەندىم ھەممىنى كەتتىڭ يېنىمدىن,
ئۇنۇتتۇڭ بىلدىم مەن شۇ قىزىل گۈلىنى.
ياپراقتەك تەنلىرىم تىترەپ تۇرسىمۇ,
يىشىللىقا چۈمكەيمەن ئازاب چۈلىنى .

سەن مىنى سۆيگەنتىڭ ئاشۇ چاغلاردا,
ئەمدى سەن سۆيمەيسەن سەۋەبى نىمە?
ئازاپتا قالغاندا سەنمۇ بىر كۈنى,
سەن مىنى قايتىدىن سۈيىمەن دىمە !
(2016.11.11 كىچە)
     





424 قېتىم كۆرۈلدى KAKTOS ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-28 11:17:53  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-1-3 15:45:12 رۇقىيە
ياخشى يىزپسىز 、داۋاملىق تىرىشىڭ
2017-1-3 13:43:46 مۇسائابىلىز
بەك ياخشى يىزلىپتۇ بەك ياقتۇردۇم بۇ شېئىرنى رەھمەت 😄
2017-1-3 2:06:52 قۇشقاچ
قوللىرىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن ،داۋاملىق تىرىشىڭ
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ