يۈرگەنتىڭ نەدە (ناخشا تېكىستى) - ​يۈرگەنتىڭ نەدە

يۈرگەنتىڭ نەدە
مەمەتجان سەمەت


باشقا ئېغىر كۈلپەت چۈشكەندە،
سەندىن چوڭقۇر مېھر كۈتكەندە.
گاھى يىغلاپ گاھى كۈلگەندە،
خۇشال ياشاپ يۈرگەنتىڭ نەدە.

بىر كۆرۈشكە تەقەززا بولۇپ،
چەكسىز ئازاپ ھەسرەتكە تولۇپ.
يا يېنىڭغا بارالماي قوپۇپ،
يۈرسەم تاشلاپ يۈرگەنتىڭ نەدە.

قۇلاق سالماي ئاھۇ زارىمغا،
شۇنچە قىلسام يەتمەي ھالىمغا.
مېنى ئۇنتۇپ گۈل باغلىرىڭغا،
كىمنى باشلاپ يۈرگەنتىڭ نەدە.

كەتمە دېسەم ئۇنىماي كېتىپ،
ئەمدى كەپسەن بەكلا كېچىكىپ.
كەپ قالار دەپ پەيلىڭدىن يېنىپ،
ئۆتسەم ساقلاپ يۈرگەنتىڭ نەدە.

ئاپتورى : مەمەتجان سەمەت
ئۈندىدار : چ چ . 308381500
ئىشلەتسىڭىز ئاپتورنى ئىزدەڭ نامسىز قىلماڭ
     





619 قېتىم كۆرۈلدى مەمەتجان سەمەت ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-1-6 18:27:49  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ