پاك ياشايمەن بۇۋامدەك - مۇھەممەت ئىمىن قەدەم

پاك ياشايمان بۇۋامدەك
مۇھەممەت ئىمىن قەدەم


چاڭ تۈزانغا مىنىلىپ ،كەتمەن چاپقان بۇۋاممۇ ،
ھەمىرابۇلۇپ بۇۋامغا ، ئورغاق سالغان مۇماممۇ .
قالماي كۆرگەن كۈنىمۇ ، يوقسىزلىقتا ئۆتسىمۇ،
سامان چالاپ چېيىغا شورپا قىلىپ ئىچسۇمۇ .
بېلىڭ دوستۇم مەنمۇ  شۇ دېھقاننىڭ بالىسى!

شۈكۈر قىلغان كۈنىگە پوستەك بىلەن ئۆتسىمۇ،
ئېتىزلاردا قىرلاردا. چاچما تېرىپ يۈرسەممۇ.
تالاي جاپادا كۈنلىرى تاغار بىلەن ئۆتسىمۇ،
مېھنىتى يوق بوۋامنىڭ  كۈنى شۇنداق ئۆسۈممۇ.
بىلىپ قويۇڭ ئەي دوستۇم مەنمۇ سەھرابالىسى.

ئىزباسارى داداممۇ ،شۇ ئاددىيغىنام بوۋامنىڭ،
پەخىرلەندى ئاناممۇ كېلىنى بولغاچ مومامنىڭ.
ئاز بولسىمۇ شۈكۈر دەپ بەرگىنىگە خۇدا نىڭ،
قان تەرىنى سىڭدۈرگەن بالىسى مەن ئۇلارنىڭ.
مەن مۇشۇنداق ياشايمەن يوقتۇر كۆڭلۈم قارىسى،

دېھقان دېمەك پاك دىمەك، ئەيىپلىرى يوق دېمەك،
چاشقان دانتىن چىقماستىن، ئالقىنىدا گۈل چېچەك.
مەنمۇ پاك ياشايمەن قەلبىمدە بارمنىڭ بىر تىلەك ،
ئارزۇيۇمدۇر ئۇ  مېنىڭ مەنمۇ بولسام ئاتامدەك .
مەنمۇ دېھقان ۋارىسى پاك ياشايمەن بوۋامدەك،





275 قېتىم كۆرۈلدى kadam ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-8 13:55:14  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ