بۇ مىنىڭ تۇنجى شېئىرىم بولغاچقا دوسلارنىڭ پىكىر تەلەپ بىرىشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن .
ئىسىل ياشا بىر ئۆزۈڭ تەنھا بولسىمۇ
ئاپتۇرى :ئەكبەرجان ئابدۇللا (تەنھا يۇپۇرماق)
ئىسىل ياشا بىر ئۆزۈڭ تەنھا بولسىمۇ،
دەرىتلەر يۈرەكنى ئەزگەن بولسىمۇ .
تىك تۇتقىن قەددىڭنى ياتلار ئالدىدا ،
يىقىن دەپ بىلگەنلەر تانغان بولسىمۇ .
ئىسىل ياشا بىر ئۆزۈڭ تەنھا بولسىمۇ ،
كۆزلۈرۈڭ ئازاپلىق ياشقا تولسىمۇ .
ئاتا - ئاناڭ ھايات ھەم تۇرسا ئالدىڭدا،
پاك ياشا مۇھەببەت خازان بولسىمۇ .
ئىسىل ياشا بىر ئۆزۈڭ تەنھا بولسىمۇ ،
يۈرەكلەر مۇز بولۇپ قاتقان بولسىمۇ .
ئاھ ئۇرما بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتىدۇ ،
يالغانلار ھەقلەرنى ياپقان بولسىمۇ .
ئىسىل ياشا بىر ئۆزۈڭ تەنھا بولسىمۇ ،
ھاياتلىق گۈزەل ھەم يالغان بولسىمۇ .
ياشاۋەر ئۆزگىلەر ياشايدۇ ھەردەم ،
سەن كەبى كۆزلىرى نۇرسىز بولسىمۇ .
ئىسىل ياشا بىر ئۆزۈڭ تەنھا بولسىمۇ ،
يۈزسىزلىك ئوقلىرى ياغقان بولسىمۇ .
ھەقىقەت دىسەڭمۇ تانىدىكەن ھەم ،
قىلغىنى ھەق ئەمەس يالغان تۇرسىمۇ .
2820024816: يازمىسى
| 49 قېتىم كۆرۈلدى | ئەكبەرجان ئابدۇللا | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-12-28 2:40:39 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|