يامغۇر - ​ ئەكبەر ئەركىن

         يامغۇر
   ئەكبەر ئەركىن


ياغە يامغۇر،توختىما ھەرگىز،
پاكىز يۇيۇلسۇن جاھان.
يۇيغىن بارچىنىڭ دىلىنى،
قەلىبلەرگە قونمىسۇن توزان.

بىرجۈپلەر ماڭسۇن قول تۇتۇشۇپ،
ئاداۋەت خاپىلىقنى ئۇنتۇپ،
توختىمىسۇن ساڭا جۆر بولۇپ،
قەلىبلەر شادلانسۇن شۇئان.

ياغە يامغۇر تۆككىن دەردىڭنى،
مەنمۇ قاتاي ساڭا دەردىمنى،
ئازاپلارمۇ تۈگەر بىر كۈنى،
كۈتكەن يايرىم بىلسە قەدىرىمنى.

2016/10/2
     





56 قېتىم كۆرۈلدى akpar430 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-5 22:14:57  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ