بوۋامنىڭ شەجەرىسى
نۇرئەلى مۇقىمي
مەن كىم بولدۇم سۇئاللار تالاي،
قىيناپ كەلدى مېنى ئۆكسۈمەي .
قاراپ بوۋام شەجەرىسىگە،
تىلىم كالۋا ئەمدى نېمە دەي .
ئوغۇز ئاتقان ئوقيالىرىنى،
تېرىش ئۈچۈن قۇياش خىزمەتتە .
جاھان كەزگەن تۇلپار تاقىسى ،
بەلكى ئاينىڭ ئۆزى ئەسلىدە.
تۇنيۇقۇقنىڭ ئىلمى-ھۆرمىتى ،
جاھانغا ھەم بولغانتى تۈۋرۈك .
تاتاتوڭا، مەھمۇد كاشغەرىي،
ئەللەر ئارا ئۈزۈلمەس كۆۋرۈك .
پىرلەر ئۇنى ئۇستاز تۇتۇشقان ،
ناۋائىينىڭ قولىدا داستان .
شىئېرىي ئالەم ناۋائىي قۇياش،
ئۇسىز تومۇز ئاڭا زىمىستان .
ل.مۇتەللىپ،تەۋپىق ، ئۇيغۇرى ،
قېنى بىلەن يازغانتى شېئىر.
ھەر مىسرادا كۈلىدۇ قۇياش ،
كىم زەردايى ھەممىسى پەقىر .
كەتتى بوۋام قالدى بىر كۆچەت،
سايىسغا بالام كېلەر دەپ.
دېدى دادام -ئوقۇغىن بالام ،
ئوقۇغانلار ھامان بىلەر دەپ .
2016.01.06
| 130 قېتىم كۆرۈلدى | نۇرئەلى مۇقىمي | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-1-14 22:56:45 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
| 
 تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
 
  	www.yazghuqilar.com 
  	新ICP备15002323号 
  	
    
 |