ئۆتەيلى بىز دائىم يوقلىشىپ - مېھىرنىسا قۇربان

 ئۆتەيلى بىز دائىم يوقلىشىپ

مېھىرنىسا قۇربان

ھەممە يەردە تۇرمۇشنىڭ غېمى،
ئالدىراشلىق دەيدۇ شۇ گىپى.
كەلسە شۇنداق ۋاقىتنىڭ ئېپى،
ئۈزۈلمىسۇن مېھرلىك يىپى.
ئۆتەيلى بىز دائىم يوقلىشىپ.

ئۆتەر كۈنلەر ئالدىراش ھېرىپ،
يوقلىشالماي كۆڭۈللەر غېرىپ.
چارچاپ كاللا بوپ كەتتى نىرىپ،
ياش چوڭىيىپ كەتسەكمۇ قېرىپ،
ئۆتەيلى بىز دائىم يوقلىشىپ.

ھايات ئۆتەڭ ھايات قونالغۇ،
ئىزدىشەلمەي ھالىم ئوسالغۇ.
ئويلاپ يۈردۈم كۆڭۈلدە بارغۇ.
بولسىمۇ گەر تۇۋرۈك توسالغۇ،
ئۆتەيلى بىز دائىم يوقلىشىپ.

ئەھۋاللىشىپ تۇرساق تىچ ئامان،
دەرت ئەلەمگە بولۇپ ھەم دەرمان.
ئۆتسە كۈنلەر شۇندىلا تامان،
قالماس تەندە يۈرەكتە ئارمان.
ئۆتەيلى بىز دائىم يوقلىشىپ.

تۇرساق دەيمەن دائىم كۆرۈشۈپ،
خوشاللىقتىن بەخىت سۈرۈشۇپ.
گاھى يىغلاپ گاھى كۈلۈشۈپ،
شېرىن تاتلىق كۈننى ئۆتكۈزۈپ.
ئۆتەيلى بىز دائىم يوقلىشىپ.

دوستلۇق مېھرى ئۇرقىنى تېرىپ،
دەستە-دەستە گۈللەرنى تىزىپ.
مۇھەببەتتىن كىتەيلى ئېرىپ.
كىرەك بولسا يۈرەكنى يېرىپ.
ئۆتەيلى بىز دائىم يوقلىشىپ.

ئادەم بىلەن ئادەمدۇر ئادەم،
ئۇزۈن ئەمەس ئۆتكۈنچى ئالەم.
ئۆلۈم كېلىپ بولغىچە ماتەم،
ئۆتىنەي بىر بۇ مېنىڭ نالەم.
ئۆتەيلى بىز دائىم يوقلىشىپ.

2016-10-6 غۇلجا شەھىرى

     





54 قېتىم كۆرۈلدى 2550325358 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-6 23:09:25  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ