لەھەتتىكى تۇيغۇ
ئاپتۇرى : قاسماق
نەسىر
3- قىسىم
ئازاپ قەبىرلىرى ئىچىدە ياشاۋاتىمەن ، روھىم سۇنۇق .
بىلەمسەن جانانىم، بۈگۈن ساڭا شۇنچىلىك زار بولدۇم .لېكىن ئامالسىزمەن ساڭا يۈك بولۇشنى خالىمايمەن ، بولۇپمۇ مەجرۇق تىنىم بىلەن.
بۈگۈن دوختۇرخانىغا باردىم ئۇ جايدىكى داۋالاشقا ئادەم چىدىمايدىكەن ، لېكىن شۇنداقتىمۇ چىدىشىم كېرەك ، چۈنكى سىزگە ، بالىلىرىمىزغا كىرىكى مەجۇرۇق، كىسەلچان ئەر، دادا ئەمەس بەلكى مەسئۇلىيەتچان ، ئىقتىدارلىق دادا كىرەك . بىلەمسەن ، بۈگۈن دوختۇرخانىدا شۇنداق بىر جۈپ ئەر - ئايالنى كۆردۈم ، ئۇلارنىڭ ئامراقلىقىغا قاراپ شۇنچە ئىچىم سىرىلدى بىرھازا ئۇلارغا قاراپ تۇرۇپ قاپتىمەن، قانچىلىك تۇرغىنىم ئىسىمدە يوق ، خىيالىمدا ئىككىمىز بۇلاردىنمۇ نەچچە ھەسسە بەختلىك ئۆتۋاتقىدەكمىز ،سەن ئىشتىن كەلگەندە ئۆي ئىشلىرىدىن ۋاقىت بوپ شۇنچە گۈزەل تىللار بىلەن قىلىشقان شىرىن پاراڭلىرىمىز ، بىر - بىرىمىزگە مىھىرلىك بىقىشلىرىمىز ، ئىشقىلىپ مۇھەببەت ھىسلىرىدا شۇنچە شىرىن ھىسلارغا جۈر بولىشلىرىمىز ، تەشنا قەلىپلەرنىڭ ۋىسالىغا يىتىشىدىن ئۆزگە بەخىت بولمىسا كېرەك .
قارا جىنىم ، تىنىم شۇنچە مەجرۇق ، چۈنكى تىنىم يۈرەكسىز ، چۈنكى يۈرىكىم سەندە . نەگە باراي ، نىمىش قىلاي خىيالىم سەندە ، تورنى ئاچساملا ساڭا قارايمەن ، بىرەر ئىش بوپ قالدىمۇ ، خەت قالدۇردىمۇ دەپ لېكىن قۇرۇق ، خەت قالدۇرغىنىڭنى كۆرسەم يۈرەكلىرىم ياشناپ كېتىدۇ .
كەچۈرگىن جىنىم ، تۈنۈگۈن ساڭا ياردەم قىلالمىدىم . شۇنچە ھىرىپ كەتكەن ئىدىم كىرىپلا ئۇخلاپ قاپتىمەن . بەزىدە يارىماسلىقىمدىن ئۆزۈمنى كاچاتلاپ كىتىمەن ، ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان ساڭا ھىچ ئىش قىلىپ بىرەلمىگىنىمگە ئۆزۈمگە قاتتىق يىرەىنىمەن .
بەلكىم بۇلارنى كۆرۈپ ، ھەلا دەپ قويىشىڭ مومكىن ، توغرا مېنىڭ قولۇمدىن بىزىيىپ تۇرۇشتىن باشقا ھىچ ئىش كەلمەيدۇ ، لېكىن شۇنداقتىمۇ تىرىشىمەن ، ئاخىرقى بىر قىتىم نەپىسىم قالغۇچە .
بىلەمسەن ، بۈگۈن بىركۈن تىلفۇنۇم سايرىمىدى ، ئىلگىرى ھەر كۈنى سەھەر تۇرۇپ تۇنجى بولۇپ ساڭا ئۇچۇر يوللايتىم ، سەن بولساڭ ئويغىنىپلا تىلفون قىلاتتىڭ . ھازىر ساڭا يوللايدىغان شۇ ئۇچۇرنى يىزىپ بوپ يۇيۇش بىلەن تۇرۇپ قالىمەن چۈنكى بۇ ئۇچۇرلارنى كۆرۈپ ماڭا تىخىمۇ ئۆچ بولۇپ كىتىشىڭدىن قورقىمەن جانىم ......
( بۈگۈن مۇشۇ يەردە ئاخرلاشتۇراي ، ھەر ئىشلىرىمغا تەڭرىدىن ئاساللىق تىلەيمەن )
مۇھەررىر : ئابدۇقەيۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈندىدار : 2041420589
| 151 قېتىم كۆرۈلدى | kasmak | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-6-4 2:34:22 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|