يەتكىن بۈگۈننىڭ قەدرىگە

يەتكىن بۈگۈننىڭ قەدىرىگە

 

 بىلمىدىم ھەممە دىدى ئەتە ، ئەتە كەلسە ياخشىتى،

 بىلسە ئەگەر ئۇلارمۇ،بۈگۈنمۇ تۈنۈگۈننىڭ ئەتىسى.

 بولدى قىل ئەتە دەپلا ئۆتكۈزمە،بۇ ھاياتنى بۈگۈننى،

 يېتىپ قالىسەن بىر كۈنى مۇشۇ بۈگۈننىڭ قەدىرىگە.

 

 ئۆتۈپ كېتەر سەن كۈتكەن شۇنداق نەچچە ئەتىمۇ،

 يېتەلمىسەڭگەر قەدرىگە، بەلكىم تاپارسەن پەتىمۇ.

 دەپ قالىسەن بىلمەيلا،مەن كۈتكەن كۈن كەتتىمۇ،

 ھامان بىر كۈن يېتەرسەن،ئاشۇ بۈگۈننىڭ قەدىرىگە.

 

 ئاھا ئۇرىسەن شۇ كۈنى ، مەن كۈتكەن كۈنلەر قېنى،

پەرۋىش قىلىشنى ئويلىغان ،باغدىكى گۈللەر قېنى.

پۇشايماندا قالارسەن ، خۇشال ئۆتكەن كۈن قېنى،

 شۇ چالاردا ئامال يوق،يەتسەڭ بۈگۈننىڭ قەدىرىگە.

 

 پايدىسى يوق بوپ ئۆتمۈش، بوپ قالغاندا تۈنۈگۈن،

 يەتكىن قەدرىگە ھاياتنىڭ،غەنىمەتتۇر ھەر بىر كۈن.

 ئەگەر كەلسە قولۇڭدىن خۇشال ئۆتكىن سەن بۈگۈن ،

 زارلانمايسەن شۇندىلا، ئۆتكەن بۈگۈننىڭ قەدىرىگە.

 

ـ ھايات♡يولۇم 2015.8.13

ئۈندىدارSaMii0909





161 قېتىم كۆرۈلدى hayatyolum ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-17 14:32:13  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ