ئويغاتماڭلار ئانامنى ئەسلا
ئابلىتىپ توختاسىن
ھىچبىر ئارام تاپمىغان ئانام،
تىنىچ جايغا راسلاپتۇ ئورۇن.
ئويغاتماڭلار ئانامنى ئەسلا ،
مەن بارغۇچە ئۇخلىغاچ تۇرسۇن.

تۈڭلىكىنى ئېتىڭلار مەھكەم،
چۈشلىرىنى بۇزمىسۇن شامال.
ئويغاتماڭلار ئانامنى ئەسلا ،
چۈشلىرىدە مەن بار ئېھتىمال.

دادا كۆچەت تىكىڭ بىشىغا،
چىچەككە بەك ئامراقتى ئانام.
ئويغاتماڭلار ئانامنى ئەسلا ،
تۇز سەپكەندەك بولىدۇ يارام.

بالام دەپلا ئۆتكەن بىرئۆمۈر،
ئائىلىگە چىچىلغان ھىدى.
ئويغاتماڭلار ئانامنى ئەسلا ،
بۇ ئانامنىڭ تۇنجى ئۇيقۇسى.
2016-3-22
| 170 قېتىم كۆرۈلدى | ablitipt | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-3-23 11:34:33 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|