پەرىشتىدەك ئانام بار
تۇرغۇن راخمان (كەمتەر)
پەرىشتىدەك ئانام بار،باغرى يۇمشاق بەك ئىللىق،
قۇچاق ئاچتىڭ ھەر دائىم،سۆيەر ئىدىڭ بەك تاتلىق،
قۇياش كەبى نۇر چېچىپ،باخاشلىدىڭ توختىماي،
غەملىرىنى بىلمىدىم،كۈلۈشلىرىڭ بەك سىرلىق.
پەرىشتىدەك ئانام بار،گۈلزارلىققا ئوخشايدۇ،
ئاغرىپ قالسام ناۋادا،ئۇخلىمايدۇ،تىڭشايدۇ،
ئۆزى غەمدە قالسىمۇ،غەملەر قىلىدۇ مېنىڭدىن،
كەچۈر مېنى جان ئانام،ھايات شۇنداق ئوخشايدۇ.
پەرىشتىدەك ئانام بار،خۇشپۇراقلىق سۆيۈملۈك،
ھەممىمىزگە پاناھكار،بەك مېھرىبان كۆيۈملۈك،
پەپىلىدىڭ بىر ئۆمۈر،ھارمىدىڭمۇ جان ئانام،
غەم قىلىسەن مۇڭلۇنۇپ،غەمگۇزارىم سۆيۈملۈك.
پەرىشتىدەك ئانام بار،قىلچە راھەت كۆرمىگەن،
ئانام دېدىم ئەركىلەپ،جاپاسىمنى سەزمىگەن،
گۈل تېرىدى بىر ئۆمۈر،لىكىن پۇراپ باقمىدى،
بالام ئۈزسۇن،كۆرەي دەپ،ئۆزى بىرنى ئۈزمىگەن.
پەرىشتىدەك ئانام بار،قورۇقلىرنى بىلمىگەن،
بالام دەپلا بىر ئۆمۈر،زادى ھوزۇر كۆرمىگەن،
قاتتىق ناننى ئۆزى يەپ،بىزنى يۇمشاق يىسۇن دەپ،
ھاردىم تالدىم دېمەستىن،بەختىمىزنى كۆزلىگەن.
پەرىشتىدەك ئانام بار،ئىللىق قوينى مېنىڭكى،
تۇرمۇش شۇنداق ئوخشايدۇ،نەۋرەڭ بولدى سېنىڭكى،
سەن سۆيگەندەك بالاڭنى،مەنمۇ سۆيدۈم جان ئانام،
ئەركىلەتتىم بالامنى،تاتلىق نەۋرەڭ سېنىڭكى.
پەرىشتىدەك ئانام بار،مېنىڭ تاتلىق بار بالام ،
بالام دىسەم سېنىڭدەك،ئەركىلىدى جان بالام،
ئانام دېگەن بالام دەپ،مەنمۇ دېدىم بالام دەپ،
ھايات شۇنداق ئوخشايدۇ،كەچۈر مېنى جان ئانام.
80 قېتىم كۆرۈلدى | تۇرغۇن راخمان(كەمتەر) | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-4-11 11:28:16 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|