تونۇلىۋاتقان شائىرلەرگە تەغدىم

ئۈندىدارىمدىكى تۇنۇلىۋاتقان بىر قىسىم ياش شائىرلىمىزگە


ئاپتۇرى:ئېھسان مۇھەممەت


 ئىمىن سەھرايى ئاكامغا


كۈندە بەش ۋاق يىزىسز،

ئىلھام بىلەن ئاداشدەك.

دىلى سۇنۇققا مەلھەمسز،

خىسلەتلىك بىر تىۋىپدەك.


ئاجىز غېرىپ مىسىكىنلەر،

شېئىرىڭزنىڭ تېمىسى.

غېرىپلارنى كۈلدۇرۇش،

شېئىرىڭزنىڭ مېۋىسى.


سەھرالاردا يۇرۇپ سز،

يىگەنلىڭز يېشىل يىمەك.

تاۋلاندىڭز ئەمگەكدە،

ساغلام ئەقىل شۇندىن دىمەك.


رۇستەم قاراسۇغا


دېھقان ئوغلى ئاكاسز،

شېئىرىڭز بەك ئىسىل.

داڭلىق ئەدىپتىن قالمايسز،

 شېئىرىڭز بىلەن يۇرار دىل.

 

ئەللەر سزگە بەك قائىل،

 قەلەم قۇۋۋەت بەك كۇچلۇك.

 بەزى شېئىرىڭز تەسەللى،

 بەزىلىرى ئاپتاپقا كۈنلۈك.

 

ھارماڭ ئاكا مەڭگۈگە،

 ئىمان بىلەن ئىچىپ سۇ.

 بەركەت تاپسۇن ئەزىز يۇرۇت،

سزنى چوڭ قىلغان قاراسۇ.

 

 ياقۇپچان ئابدۇخېىلىل سۇلتانىغا

 

 ھارما ئاكا سۇلتانى،

كۈندە سۇنغىن دۇردانە.

 ھەقىقەتنى كۆپ يىزىپ،

 كەلگۈسۈڭ بولسۇن نۇرانە.

 

 شېئىرلىرىڭ بەك ئىسىل،

 قاپىيەلەر قاملاشقان .

 ھەربىر ئادەم خوپ كۈرەر،

 زامانىمغا ماسلاشقان.

 

نەچچە ئەسەر شېئىرى،

 غەزەل بۇلۇپ ئېيتىلدى.

 غەزەللەرنى ئاڭلىساق،

 جانىمغا جان قېتىلدى.

 

 يېزىپ تۇرۇڭ سۇلتانى ،

 قەلىمىڭز ھارمىغاي .

ئەلگە بۇلۇپ جان ئۇزۇق،

 چولپان بۇلۇپ چاقنىغاي.

 

 مۇھاممەت ئابدۇللا زاكىر قۇملۇققا

 

 قۇملۇق ئىكەن نامىڭىز،

 ھەمرامۇسزگە قۇملۇق.

قەلىمىم ئاجىز بولسىمۇ،

 سالام يولايسزگە ئوتلۇق.

 

 شېئىرىڭز تۇرمۇشچىل،

 زالالەتنى تازلايدۇ.

ئەخلاقلارغا پاكىت بۇپ،

 ئەدل-ئادالەتنى ياقلايدۇ.

 

 يازمىسىڭزمۇ ھەركۈنى،

 يازغانلىڭز بەك جانلىق.

 بىر شېئىرىڭزنى ئوقۇسام،

 دۇردانىلەر لىقمۇ-لىق.

 

 گويا سزنىڭ شېئىرىڭىز،

نادانلىققا بىر قامچا.

 ئازدۇرالماس سزنى ھەم،

 ئالتۇن تىللا ھەم ئاقچا.

 

 يۇكسەلگە

 

 ئىستىداتلىق يوكسەلجان،

 پارلاپ چىقىڭ نۇرانە.

 سالام يوللاي سزگە ھەم،

 قېرىنداشچە دوستدانە.

 

 يازغالىرىڭز ھەمىسى،

 ھەقىقەتدىن ئۈزۈندە.

 قۇۋۋەتلەنسۇن قەلىمىڭىز،

 يېزىپ بىرىڭ سز كۈندە.

 

 كۈتۇپ تۇرار سزنى ئەل،

چەكسز ئۈمۈت ئىچىدە.

 ئۆگۈنۈشنى توختاتماڭ،

 كۈندۇز ھەتتا كىچىدە.

 

شامال ئوغلىغا

 

 شامال ئەمەس بەلكى سز،

 گويا مىسالى قۇيۇن .

شېئىر يىزىش سزگە ،

 مەنىلىك بىرخىل ئۇيۇن.

 

 تاققا چىقىپ دائىما،

 تەبىئەتنى كۈزىتىسز.

 بىھايا يامان قىلىقنى،

 دائىما سز تۈزىتىسز.

 

 يازغان شېئىرىڭزدا،

 بىر ئېغىز قۇرۇق گەپ يوق.

 ھەبىر يازغان شېئىرىڭز،

 جاھالەتگە گويا ئوق.

 

 ئابدۇللا كىچىك نەزەرىگە

 

 ئەزىزەمنى كۆپ يىزىپ،

 پىشىپ قالدى قەلىمىڭىز.

 شېئىرىڭزنى ئوقۇسام ،

 سىڭىپتۇ ھەم ئەلىمىڭىز.

 

 ئەر باشقا ئەركەك باشقا،

 دىگەن شېئىرىڭز ئۇرۇنلۇق.

 نەسىھەتنى كۆپ يېزىڭ ،

 قىلماڭ سز ھەم ھۇرۇنلۇق.

 

 رەھىمدىن قاسىمغا

 

 سالام كەتتى دوستۇم ساڭا،

 ھارماي يازغىن دائىما.

 سالام قىلغىن بىزلەرگىمۇ،

 سالام قىلماي يايرىڭغىلا.

 

 قەلەم قۇۋىتىڭ بەك كۇچلۇك،

 ئاۋازىڭمۇ ئاندىن زىل.

 سەن غەزەل توۋلىغاندا،

 ئايمۇ بۇلار سەندىن خىجىل.

 

2015/9/13كۈنى. ئۈندىدار1410037590 





144 قېتىم كۆرۈلدى ihsan571633 ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-9-13 10:57:12  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ