سىرلىق چۈش

‏‏ سىرلىق چۈش ‏

 

‏ئۇزاق بىر يولدا كىتىپ باراتتىم. تۇيۇقسىز قاتتىق يىقىلىپ كەتتىم. ئەتراپىم جىمجىت خۇددى دۇنيادا ئۆزۈم يالغۇز قالغاندەكلا ھەممە يەر قاراڭغۇ پەقەت ئالدىمدا بىر خۇۋا يۇرۇقلىق مىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلاتتى . مەن ئورنۇمدىن تۇرماقچى بولۇپ تۇرالمىدىم. شۇ دەم بىرسى ئالدىمدا پەيدا بولۇپ ماڭا قولىنى سۇنۇپ مىنى ئورنىمدىن تۇرغۇزدى .مەن ئۇنىڭدىن كىملىكىنى سورىسام ئۇ : «_مەن سىنىڭ غەيرىتىڭ سەن ئۈزۈڭگە ئىشەن »دەپ كۆز ئالدىمدىن غايىپ بولدى. مەن يەنە ئالدىمغا قاراپ يۈگۈردىم. ھىلقى غۇۋا يۇرۇقلۇق مەندىن بارغانسىرى يىراقلاپ كىتىپ باراتتى .مەن جېنىمنىڭ بارىچە يۈگۈردىم. تۇيۇقسىز ئالدىمدا يول ئۆزگىرىپ قالدى. ئالدىمغا قارسام بىر چوڭ ھاڭ بۇلۇپ ئۇنىڭ تېگى يوقتەك قىلاتتى . مەن قورقۇپ ئارقامغا ياندىم. ئارقامغا يىنىپ قارسام ئارقامدىكى يول يوق مەن بېسىپ ئۆتكەن يوللار غايىپ بۇلۇپ كىتىپتۇ. تۇيۇقسىز يولنىڭ بىر تەرىپىدە قاتتىق كۈلكە ئاۋازى ئاڭلاندى. قارسام دۈشمەنلىرىم مىنى مەخسىرە قىلىپ كۈلمەكتە ئىدى. پۇتلىرىم تىخمۇ جانسىزلىنىپ تىترەپ كەتتى. تۇيۇقسىز يەنە بىر تەرەپتىن چاۋاك ئالقىش سادالار ياڭرىدى. قارىسام قېرىنداشلىرىم ماڭا مەدەت تىلمەكتە ئىدى. شۇ ۋاقىتتا ئىنتايىن جانلىنىپ كەتتىم .تۇيۇقسىز ئارقامدىن بىر نەرسە مىنى قاتتىق ئىتتىرىپ ھاڭ تەرەككە قىستىدى. ئۇ شۇنداق كۈچلىككى مىنى ئۇچۇرۋەتكىدەك كۈچ بىلەن ئىتتىردى. مەن ئۇنىڭدىن قورقۇپ جىنىمنىڭ بارچە يۈگۈردىم . مەن يۈگۈرگەنسىرى ئۇ مىنى شۇنچە كۈچلىك ئىتتىرەتتى. بىر ۋاقىتتا قارسام پۇتلىرىم ئاستىدا يول ئەمەس بوشلۇق ئىكەن. مەن ئۇچۇپتىمەن. ئۇچۇپ يولنىڭ يەنە بىر تەرىپىگە ئۈتۈشكە ئاز قالغاندا يەرگە شۇڭغۇپ كەتتىم. چۈشۈپ كىتىدىغان بولدۇم دەپ تۇرسام بىر گىگانىت ئادەم قۇلۇمدىن تۇتۇپ مىنى تارتىۋادى. ئۇنىڭدىن:《سەن كىم؟ 》دەپ سورىسام 《_مەن سىنىڭ يۈركىڭ ھەر قانداق ئىشتىن قورۇقما! تەۋەككۇل قىل! سەن قانچە كۆپ تەۋەككۇل قىلساڭ مەن شۇنچە چوڭ بۇلۇپ سىنى قوغدايمەن.》 دەپ كۆزدنن غايىپ بولدى. ھېلىقى غۇۋا نۇر مەندىن تېخمۇ يىراقلىشىۋاتاتتى. مەن يەنە جېنىمنىڭ بارچە يۈگۈردىم. مەن باشتىكىدىن خېلىلا تىز يۈگۈرۋاتاتتىم. چۈنكى مىنىڭ غەيرىتىم ھەم يۈركىم ماڭا مەدەتكار ئىدى. تۇيۇقسىز ئالدىمدىكى تۇمانلار ئارسىدا قۇرقۇنۇچلۇق ئاۋازلار ئاڭلاندى. ئادەملەرنىڭ ئېچىنىشلىق چىرقىرىشى بىلەن بىر خىل سۈر ھەيۋەلىك ئاۋازلار ئاڭلىناتتى. مەن سەل قورقتىم. لىكىن يەنىلا يۈگۈرىۋەردىم. بارا- بارا چوڭ گىگانىت مەخلۇقلارنىڭ ئادەملەرنى خالغانچە ئۇرۇپ ئۆلتۇرۋاتقىنى كۈرۈپ قاتتىق قورۇقتۇم ھېچنىمىگە قارىماي ئۆز يولۇم بىلەن يۈگۈرىۋەردىم. ئىچنىشلىق ئىڭراپ ياتقان ئادەملەر قوللىرىنى سوزۇپ قۇتقۇزۇشىمنى تەلەپ قىلاتتى. ئەمما مەن ئۇلارنى قۇتقۇزالمايتتىم. يۈگۈرۈپ ئۇلار بار يەردىن ئۆتۈپ كەتتىم .ئۇلار ئارقامدا. يەنە شۇ قورقۇنۇچلۇق ئاۋازلار ئىچدە قالدى. تۇيۇقسىز ئۇچسىغا دۇبۇلغا ساۋۇت كىيگەن بىرسى مىنى تۇسۋالدى. مەن ئۇنىڭدىن كىملىكىنى سورىسام، ئۇ : «_مەن سىنىڭ ۋىجدانىڭ، ئۆز قىرىنداشلىرىڭ ئۆلتىرلىۋاتسا نەگە بارسەن» دەپ قۇلۇمغا ئۆتكۈر بىر قىلىشنى تۇتقۇزدى. مەن ئارقامغا قاردىم .قارسام گىگانىت مەخلۇقلار ماڭا قاراپ ئېتىلىپ كىلىۋاتقۇدەك مەنمۇ ئۇلارغا قاراپ يۈگۈردىم. ئاز قالغاندا قىلىشنى شۇنداق بىر ئۇرسام بارلىق مەخلۇقلار قۇم كەبى توزۇپ كەتتى. بىرسى ئىللىق قوللىرى بىلەن پىشانەمنى سىلاپ ئىسمىننى چاقىردى. كۆزۈمنى ئىچىپ قارىسام مىھرىبان ئانام ئىكەن. كۈزۈمنىنى ئاچالىغانلىقىمدىن ياراتقۇچۇمغا مىڭ شۈكىرلەر ئېيتىپ كىتابىمنى كۈتۈرۈپ مەكتەپكە ماڭدىم .مەن ھەقىقەتەن ئۆزۈمنى باشقىچە بۇلۇپ قالغاندەكلا ھېس قىلدىم. چۈنكى غەيرىتىم، يۈركىم، ۋىجدانىم، نىمدۇر قۇلىقىم تۈۋىدە بىرنىمىلەرنى پىچىرلاۋاتاتتى.

 قەلەمدە: ئەيسا (ئويغاق)





798 قېتىم كۆرۈلدى OYGaK ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-30 20:46:06  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ