سۆيگۈ شەجەرىسى
ئەنەم(ھالرەڭ)
(1)
قەلبىمدە بىرئوت بار ساڭا تۇتاشقان،
سۈيىمەن ئەڭ سەبى توققۇز يېشىڭنى .
مۈكۈشمەكمەك ئوينىغان شۇكۈنلەرئەجەپ،
كىتىپتۇ ئامرىقىم ۋاقىت، ھەممىسى.
ئەبەدى ئۇنتۇلماس توقايلىقلاردىن ،
ئاڭلىنار يىغلىغان كاككۇكنىڭ ئۈنى…
(2)
يادىكار قىلغانتىڭ بىر تىزىق مارجان،
قۇلۇمغا بىر تۇتام گۈل-چىچەك ئېلىپ.
مەھەللەم بېغىدا ئۇزاتتىم سىنى،
خوشلاشتى قوي كۆزلەرياشلارئەگىتىپ.
تۇپىلىق يوللاردا تۇنجى سۆيگۈنىڭ،
ھىجرانلىق ناخشىسى قالدى چېچىلىپ.
(3)
ياپيېشىل ۋادىلار ، دەريا بويلىرى،
سۈپسۈزۈك بۇلاقلار، شىشىدەك ئاسمان.
ئۈتكەندە چېچىڭنى سۈيۈپ ئىزغىرىن،
قۇمۇشلاردولقۇنلاپ تەۋرىنىپ لەرزان.
ساماۋى خىيالدەك تۇراتتى بىقىپ،
سۈكۈتتە يىراققا سۇزۇلغان ئورمان.
(4)
نازبىلەن چىقاتتىڭ سۈيۈملۈك بېقىپ،
قېنى سەن( پەرى)دەپ ئىشىكىڭ چەكسەم.
كۈلەتتىڭ ۋىلىقلاپ ساددا شۇقەدەر،
قۇلۇڭدىن چىڭ تۇتۇپ يىتىلەپ،كەتسەم .
چىكەڭگە تاقاتتىڭ باغلاردىن ئۈزۈپ ،
قىپقىزىل گۈللەرنى ئالغىن دەپ بەرسەم.
(5)
شۇكۈنلەر بەك گۈزەل ئىدى ھە پەرى!؟
چىت ئاتلاپ كىلەتتىم ئۇغرىلاپ ئوسما .
قاچاتتىم ،قۇغلايتتىڭ تۇتۇق بەرمەستىن،
گاھىدا يىغلىتىپ قىلاتتىم خاپا.
مەن كۆيگەن شۇ ئۈرۈم چېچىڭنى ئاندىن،
ئالاتتىم قۇلۇمغا مىھىرلىك ئاستا .
(6)
بۈككىدە سۈگەتلىك ئۆستەڭ بويلىرى،
قۇشقاچلار ۋىچچىرلاپ سايرىسا تىنماي.
ئىككىمىز گۈل-چىچەك بوستانلار ئارا ،
يۈرەتتۇق كىپىنەك قوغلاپ توختىماي.
كۆزلىرىڭ چېچىلسا كىچە قوينىغا،
چىقاتتى مەڭزىڭنى بويلاپ تۇلۇن ئاي.
(7)
سىزىپتۇ ئىككى تال سىزىقنى تەقدىر،
سەن ئۇندا ،مەن بۇندا يۇتىمىز ئاچچىق.
ئايرىلىپ يۈرەكلەر كۆيدى كۆڭۈللەر ،
كۆڭۈللەر ھىجرانغا دۈم بولغان قېيىق.
بەرگىسى توزىغان گۈللەر بىز گويا،
ۋىسالنىڭ باغرىدا چەكسىز قاقاسلىق.
(8)
ئايرىلىش پەيتىدە سۈزۈم بار ساڭا،
چىن ،ساددا ،سەمىمىي تۇنجى سۆيگۈنى.
كۆڭلۈڭدە يۇشۇرۇن ئەسلىگىن پىنھان،
قەدىمىڭ ياتلارغا ئاداشقان كۈنى.
تۈكىلەي مەڭزىگگە ئاخىرقى قېتىم ،
يالتىراپ بىر تامچە سۇغۇق ياش كەبى.
34 قېتىم كۆرۈلدى | halrag | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-10-11 17:27:35 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|