غېرىپ شەھەر (شېئىر) - ماھىرە ئەركىن ئەتىر

 غېرىپ شەھەر

ماھىرە ئەركىن ئەتىر

سۆيگۈم تۇرار ئىشىك تۈۋىدە،
كۆزلىرىدە لىپمۇ-لىق ھەسرەت.
بىلەلمىدىم،
بىز يېزىشقان سۆيگۈ خېتىگە،
پەش قويۇشنى ۋە ياكى چېكىت.

كېلىمەن دەپ كەتكىنىڭ ئېنىق،
شۇ كەتكەنچە كەتمەنلىنىپسەن.
يەر زېمىننى سۆيۈپ يېتىپسەن،
خوشلاشمايلا مەندىن كېچىپسەن.
مەن مۇساپىر غېرىپ شەھىرىڭدە،
سەن،
كىمنىڭ شەھىرىدە تۇپراق بولغانسەن؟
     





229 قېتىم كۆرۈلدى Atir715 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-25 0:42:06  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-12-29 2:42:29 ھاشىمكاڭ
بەك ئىسىل يازسىز جۇمۇ ... بارىكاللا 🌹
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ