بەخىت ئەمەسمۇ

بەخىت ئەمەسمۇ

 

 تۇرغۇنجان«تۇيغۇ»

 

كۈلكەسىگە ھەمراھ بولدۇڭ كۈلگەننىڭ،

 نالەسىگە كىم غەم گۈزار ئۆلگەننىڭ.

 مەكتۇبى يوق ئەجەل قايان كەلگەننىڭ،

 تاڭدا قۇياش كۆرسەڭ بەخىت ئەمەسمۇ،

 

 چۆلدە قونار يايرىڭ تىكەن يار قىلىپ،

 ئۆز بەختىدىن خۇش كۈلەلمەي زار قىلىپ.

 غەمسىز يۈردۈڭ كىرەر يولى تار قىلىپ،

 ياشلىرىنى سۆيسەڭ بەخىت ئەمەسمۇ،

 

ئەركەكلىكىڭ ئۈچۈن خازان قىپ ياشلىق،

بىلگىن ئاتا-ئاناڭ ساڭا قاراشلىق.

 باشلىرىغا سۆيگىن قانماي ئاق چاچلىق،

 ئوغلۇڭ ئاتا دىسە بەخىت ئەمەسمۇ.





112 قېتىم كۆرۈلدى turgunjan ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-1-15 20:06:14  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ