ئۆتمۈش

ئۆتمۈش

 

 ئۆتمۈشتە نادانمەن بىلىمەن ئېنىق،

كۆزۈممۇ كۆرمەسمۇ ياغلىقتا تېڭىق.

 گۈللۈرۈم توزىدى سەنەم دەردىدە،

 ياپيېشىل يوپۇرماق بولدىغۇ سېرىق.

 

 ياش تۆكۈپ كۆزلىرىم كۆرمەسمۇ بولدى،

 يۈرىكىم لىپمۇ-لىپ ئازابقا تولدى.

 سۆيگۈدىن بىتەلەي بىچارە غېرىپ،

 شۇ قىزنىڭ دەردىدە جېنىدىن تويدى.

 

 دەرت تۆكۈش يولىنى ھېچبىر تاپالماي،

 ئاچچىقى قەھرىنى زادى باسالماي.

 ئاخىرى قولىغا ئالدى ئۇ شاراپ،

 نەتىجە كۆزلىرى قالدى ئېچىلماي.

 

 كۆزلىرى ئېچىلدى يەنە شۇ ئازاب،

 دەرتمەننىڭ كۈنلىرى تولىمۇ خاراب.

 مۇھەببەت ئوتىدا شۇنچىلىك كۆيگەن،

 قانمايدۇ شۇ كونا سۈرەتكە قاراپ.

 

 2015.8.1 سەۋىر





205 قېتىم كۆرۈلدى 1366914514 ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-15 7:54:52  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ