ھەمراھ بول (شېئىر) - ئابلىمىت ئابلا

 ھەمراھ بول

ئابلىمىت ئابلا


ۋىلىق-ۋىلىق ئەي ئوماق كۈلكە،
بۇلۇق -بۇلۇق چاچراپ تەرەپكە.
ئىزلىدىم مەن سىنى كۈن -تۈن ئىچىدە،
ھەمراھ بول ماڭىمۇ سەبىيلىكىمدە.

بۆرىلەر ھۇۋلىغان ئايدىڭ كىچىدە،
سوقاتتى يۈرۈگۈم ئەنسىزلە ئىچرە.
يوقاتتىم  مەن سىنى تەرەپ تەرەپتە،
ھەمراھ بول ماڭىمۇ سەبىي كۈلكىلە.

مەيۈسلەنگەن ھەر بىر دەقىقە،
چىك- چاك قىلىپ ھەريان يوقىلار.
كىرپىكتەك قوغدىغىن ئايرىلمامەندىن،
ھەمراھ بول ماڭىمۇ خۇشال كۈلكىلە.

بىلسەم مەن كۈلكە مىراس قالمىغان،
يىغىنى مەنمۇ ھەم سىتىپ ئالمىغان.
بىراق مەن ئىزلەپ توختىيالمايمەن،
ھەمراھ بول ماڭىمۇ شىرىن كۈلكىلە.

2013.6.7
      





81 قېتىم كۆرۈلدى urtanma ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-28 16:56:25  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ