كەل ئانا !
ئالىيە
كەل ئانا ! باغرىڭغا بىر ئاز باغرىمنى يېقىۋالاي ... مەن ئۈچۈن بىر ئوت بولۇپ كۆيگەن شۇ يۈرىكىڭگە يۈرىكىمنى يېقىۋالاي ... تىنىقلىرىڭدىن مەن ئۈچۈن كۆيگەن يۈرىكىڭنىڭ تەپتى كېلىۋاتىدۇ ئانا ! بىردەم قېنىپ قېنىپ پۇرىۋالاي ... ئۇندىن باشقا بىر يۈرەك مەن ئۈچۈن ئۇنچە كۆيمەس ئىكەن ! قېنى شۇ يۈرەك كۆزلىرىمگە سۈرتۈپ بىر تونىۋالاي ... كۆزلىرىڭدە بىر ئالتۇن كەبى ياش يالتىراپ قاپتۇ ئانا ! كەل مەن كۆزلىرىمگە قوشىۋالاي ... ئاي يۈزلىرىڭگە ئىز سالماقچى بولوشۇپتۇ ئۇ ياشلار ! مەن كېلىشىپ قويدۇم .. شۇ ئالتۇن كۆزلەردىن ئاي يۈزلەردىن مېنىڭكىگە كۆچۈپ كېلەر بولدى ئانا ! بوستان چاچلىرىڭ يۈزلىرىمگە يېيىلدى ، كەل شۇ چاچلارنى قول سېلىپ بىر تاراپ باقاي ... بىر يېرىك قول يۈزلىرىمنى سېيلىدى .. ئانا ! بۇ سېنىڭ قوللىرىڭكەن ، ھاياتىم بۈگۈنگە ئۇلاشقۇچە قانغۇچە بىر سۆيمەپتىمەن .. كەل ئانا ! مەن ئۈچۈن قاداق بولغان قوللىرىڭنى قانغۇچە سۆيۈپ يۈرىكىمگە تېڭىۋالاي .. گۈللەر قىسلىشقا تېگىشلىك شۇ چېكەڭگە ئاقلار قېسىلۋاپتۇ ئانا ! ئۇلار بىلەن كېلىشەلمىدىم ... ئەسكىكەن ئۇلار ! شۇ چېكەڭگە كۆنۈپ قاپتىمىش ... كەچۈرگىن جېنىم ئانا ! چېكەڭدىكى گۈللەرنىڭ قاچانلاردا سەندىن يۈز ئۆرۈپ شۇ ئەسكى ئاق چاچلارغا ئورۇن بەرگىنىنى بىلمەي ئۆتۈپتىمەن ... بىلسەممۇ بىلمەس بولىۋالغەندىمەن ! كەل ئانا ..ھېلىھەم كېچىكمىدىم ! گۈللەر بىلەن كېلىشەلىدىم .. شۇ چېكەڭگە ياراشتۇرۇپ ئىككىنى قىسىپ قوياي ! ئاۋۇ ئەسكى ئاق چاچلار خىجىل بولۇپ يوشۇرۇنۋالسۇن ! جېنىم ئانا ! مەن ئۈچۈن بەللىرىڭ ئىگىلىپ قاپتۇ ... كەل سەندىن مادار ئالغان شۇ ۋاپاسىز قوللىرىمغا پۇرسەت بەرگىن بىر ! يۇمشاققىنە بىرئاز تۇتۇپ قوياي ... بولدى بالام ، ھېرىپ قالىسەن دەپ تۇرۋالمىغىنە ئانا ! سەن ئۈچۈن سۇنۇپ كەتسىمۇ ئەرزىيدۇ بۇ قول ... ساڭا بىر ئۆمۈر خىزمەت قىلالىسا ،ئاندىن مېنىڭ جىسمىمغا يارالغىنىغا رازى بولىدۇ ئۇ قول ئانا ... ئانا ! بۇ نېمە .. تاپانلىرىڭ چاك چاك يېرىلىپ قاپتىغۇ ؟ ماڭا كۆرسەتمەي تىقىپ قويۇپسەن ھە ئانا تاپانلىرىڭنى! مەن ئۈچۈن ! مەن ئۈچۈن يېرىلغان تاپانلارغۇ ئۇ ئانا ! كەل شۇ تاپانلارنى بىر سۆيىۋالاي ... ئانا ! بالىلىرىڭ چوڭ بولدى ... كەل بىر ئاز ئارام ئالغىن ، بىردەم بولسىمۇ ئۇخلىۋالغىن ! شۇ ئىشلىرىڭنى بىز بىر ئاز قىلىۋالايلى ....:
550 قېتىم كۆرۈلدى | aliya | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-3 11:38:59 | :يوللانغان ۋاقتى |
2015-8-7 15:24:25 | شادىيە |
ياخشى يېزلىپتۇ ،بەك ياقتۇردۇم،تېخىمۇ تىرىشىڭ. |
2015-8-6 19:47:55 | gulzira |
bak esel yizipsez ukup bak huzurlandem sezga barkalla barlik anilarha salamatlik tilayman uzun umur tilayman .tihimu tirxeg aliya |
2015-8-6 18:38:41 | dil |
bak esil yezilip tu singlim |
2015-8-6 1:01:05 | ئالىيە |
رەھمەت ! باھايىڭلەرنى ئوقۇپ بەك خۇش بولدۇم .. |
2015-8-3 20:40:46 | مۇساتۇرسۇن ياشراق |
ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ ، قېرىندىشىم تېخىمۇ تىرىشىڭ . |
2015-8-3 16:42:44 | akattirgul |
yahxi yizipsiz aliya barlik ...anilarga salamatlik tilayman |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|