تويۇڭغا مۇبارەك بولسۇن ئەزىزەم
گۈلزىرە مەخمۇت
تويۇڭغا مۇبارەك بولسۇن ! مۇشۇ دەقىقىدە ھېسياتىمنى قانداق تەسۋىرلەشنى بىلەلمەيۋاتىمەن ، تىلىم ئاجىزلىق قىلىدۇ ئىپادىلەشكە . قانداق دەبدەبىلىك سۆزلەر بىلەن مۇشۇ چاغدىكى ھېسياتىمنى ئىپادىلىسەم بولاركىن ، ھاياجانلانغىنىمدىن نېمە دېيىشنى بىلەلمەي قالدىم ، خۇشاللىقىمدىن يىغلىغۇم كەلدى . سېنىڭ تويۇڭنى ئاخىرى كۈتىۋالدۇق ، ئاشۇ ھاياجانلىق دەقىقىلەرنى ئاخىرى كۈتىۋالدۇق !

كىمدۇر بىرى مۇنداق يازغانىكەن : توي - ئىككى يۈرەكنىڭ بىرگە سوقۇشى ، ئىككى خىل ھاياتنىڭ بىرلەشمىسى . ئۇ مۇقەددەس ۋەدە . مەنچە بولغاندا ، توي ئۇ مۇھەببەتكە بولغان مەسئۇلىيەتچانلىق ، ئۇ بىر يېڭى ھاياتنىڭ باشلىنىشى . سەن يېڭى ھاياتىڭغا قەدەم ئېلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىسەن . يېڭى ھاياتىڭنىڭ تېخىمۇ مۇھەببەتلىك ئۆتۈشىنى ئۈمۈد قىلىمەن . ساڭا قىيالمايمەن ، يىراقلارغا كېتىشىڭنى خالىمايمەن ، ئەسلا خالىمايمەن . سېنى قېشىمدا بولسا ئىكەن دەپ ئارزۇ قىلىمەن ، سېنى يىراقلارغا كەتمىسىكەن دەيمەن ، قېشىمدا ئېلىپ قېلىشنى نەقەدەر خالايمەن ، بۇنى پەقەت بىر ئۆزۈم بىلمەن . لېكىن ئۇنداق قىلالمايمەن ! چۈنكى ، سېنىڭ بەختىڭنى كۆرۈشنى ئۈمۈد قىلىمەن .قەدرىڭ نەدە بولسا بەختىڭ شۇ يەردە ئەمەسمۇ ! سەن بەختلىك بولساڭ ، مەنمۇ بەختلىك مەن دوستۇم !

سەن مېنىڭ بەش يىللىق ساۋاقدىشىم ، تۆت يىللىق ياتاقدىشىم ، سىردىشىم ، ئىككى يىللىق خىزمەتدىشىم . سەن ھاياتىمنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ! سەن بىر تۇغقان قېرىندىشىمدىنمۇ ئەزىز ! ھاياتىمدا سېنىڭ بولۇپ قالغىنىڭدىن بەختلىكمەن ، سېنىڭ بولۇپ قالغىنىڭدىن سۆيۈنىمەن ! سېنى تۇغقان ئاناڭغا كۆپ تەشەككۈرلەر بولسۇن ! سەن ماڭا نۇرغۇنلىغان ئىشلارنى ئۆگەتتىڭ ، ھاياتىمنى ئۆزگەرتتىڭ . ئېسىڭدىمۇ ؟ ئىككىمىز دەسلەپتە قانداق ئىدۇق ؟ ئۇرۇشمىغۇچە تېپىشماپتۇ دەپ ، ئۈزلۈكسىز چۈشىنىش ، ئىشىنىش ئارقىلىق ئايرىلماس دوستلارغا ئۆزگەردۇق . ساڭا قاراپ باشقىچە بىر ھاياتنى چۈشىنىشكە باشلىدىم . بارا-بارا ساڭا ئوخشاش ئۆيدىكىلەرگە كۆيۈنۈشنى ، باشقىلارنىمۇ ئويلاشنى ، كۆپرەك تەبەسسۇم قىلىشنى ، كەڭ قورساقلىقنى .....ئۆگەندىم ! سەن تۇرمۇشتىكى ئۇستازىم بولدۇڭ ، ھايات يولۇمدىكى سەپەردىشىم ، مۇڭدىشىم بولدۇڭ . سەن ماڭا دوستلۇق مېھرىنى ھەقدادىغىچە يەتكۈزدۈڭ ، مېنى ھەتتا قېرىندىشىڭدىنمۇ ئۈستۈن كۆردۈڭ ھەم ئىزچىل شۇنداق قىلىپ كەلدىڭ . سەن مەدھىيلەشكە لايىقسەن ئەزىزەم ! ئەلۋەتتە ، ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھەرخىل زىددىيەتلەرمۇ ، كۆڭۈلسىزلىكلەرمۇ ئاز يۈز بەرمىدى ! بەزىدە ھەتتا بىر-بىرىمىزگە قېيداپ ئىزدەشمەيدىغان ئىشلارمۇ بولدى . ئۇرۇشتۇق ، تالاشتۇق ، گەپلەشمىدۇق ، ئاغرىندۇق.....بىراق ، يەنىلا بىر-بىرىمىزگە قىيالمىدۇق ، بىر-بىرىمىزنىڭ يۈرىكىنى ئاغرىتىشقا چىدىمىدۇق ! ئوتتۇرىمىزدىكى دوستلۇق ھەرخىل سىناقلاردىن ھالقىپ ئۆتۈپ ، تېخمۇ مۇستەھكەملەندى !
ھاياتىمىدىكى نۇرغۇنلىغان ئەسلىمىلەرنىڭ باش رولچىسى سەن ئىدىڭ ئەزىزەم . مانا ئەمدى يېڭى تۇرمۇشۇڭ باشلىنىش ئالدىدا . سەندىن پەخىرلىنىمەن ، سەن چوقۇم تېخىمۇ ياخشى ياشايسەن ! باسقان ھەربىر قەدەملىرىڭنىڭ ئوڭۇشلۇڭ بولىشىغا تىلەكداشمەن . مەيلى سەن قەيەردە بول ، مەن سەن بىلەن بىللە ، مۇھەببىتىم ھەم ساڭا ھەمراھ ! بەختلىك بولغىن ئەزىزەم ، سېنى سۆيىمەن !

2016-يىلى 16ـ نويابىر
تۆت قۇلاق قەلىمىدىن
| 183 قېتىم كۆرۈلدى | sansiz99 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-11-17 0:22:51 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|