ھاراق ۋە ئىچىمدىكى مەن
ئابدۇسالام ئابدۇللا بۆرتېكىن
تۇرمۇشنىڭ ئاچچىقى ئەزگەچ دىلىمنى،
تۇتمىغاچ سۆيگۈنۈم كېلىپ قۇلۇمنى.
گاھ يەنە نامەردلەر توسقاچ يۇلۇمنى،
قاۋاققا باشلايدۇ نېرۋام پۇتۇمنى .
تۇرمۇشتىن تاپالماي ئۆزۈمگە سىرداش،
شۇ ھاراقتىن كۆڭلۈمگە تاپىمىەن ئارام.
بىلسەممۇ مەن ئۇنىڭ زەھەرلىكنى،
مەسلقكتىن يىقىلىپ يەنە قىلمىن داۋام.
مەسلىكتىن دۇنيانىمۇ ئالىمەن ئىلكىمگە،
ھېس قىلىپ ئۆزۈمنى مەغرۇر قەھرىمان.
ئىچكەنسىرى يۇغىنار مۇشتەك يۈرۈكۈم،
خۇددى ۋۇجۇدۇم تاپقاندەك دەرمان.
ئىچسەم قاينايدۇ ئۇيۇشقان قانلىرىم،
تۇمۇرۇم يېرىلىشقا تەييار بولغاندەك .
كار قىلماس ماڭا نەشتەردەك سوغوق،
بەدەنلىرىمگە خۇددى ۋولقان تولغاندەك.
ھاراقتىن ئىزدىدىم يەنە بىر مەننى،
قاچقۇن بۇلۇپ يۈتۈپ كەتكەن يەردىن.
خەق تىللىسا بوپتىلا ئۆزىنڭ يولى،
ئەۋزەلدۈر ئۈزۈمنى يوقۇتۇپ قويغاندىن.
كەل ئاغىينە ,بىردىم ئۈلپەت بولايلى،
ئەجىپ ئەمەس يېتەلسەك ھايات تىگىگە.
مەس بولساق بۇ دۇنيا بۇلدۇ بىزگىلا تالىق،
كەلمىگەنغۇ بىزمۇ ھاياتقا قۇرۇق نىسىگە .
82 قېتىم كۆرۈلدى | abdu4745 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-10-30 23:04:19 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|