بىلەلمىدىڭ ئۆزىڭنى ئوغلۇم
ئېلى جان ئابدۇكېرەم
ئاتا ئانام باردەپ قېشىمدا،
ياشۋالدىڭ رەستىدە ئوغلۇم .
بىكارچىلىق نان بەرمەس ئىدى،
بىلەلمىدىڭ ئەسلىدە ئوغلۇم .
ئاتام باردەپ ئوينىشىڭ ياخشى،
خۇددى تايدەك توۋلىشىڭ ياخشى.
قىلغان ئىشىڭ ھەددىن ئاشتى،
بىلەلمىدىڭ ئۆزىڭنى ئوغلۇم .
يېشىڭ يەتمەي تەخى ئوتتۇزغا،
توي تەكلىپى قويماي بىر قىزغا.
مېڭۋاپسەن قابا ھەت يولغا،
بىلەلمىدىڭ ئۆزىڭنى ئوغلۇم .
بىز باققانتۇق مىڭ بىر چاپادا،
مۇشتەك گۆشتىڭ قوشقان قاتاغا.
سەن يۈرۈپ سەن كەيىپ ساپادا،
بىلەلمىدىڭ ئۆزىڭنى ئوغلۇم .
كىم قوللايدۇ بىكا يۈرگەننى،
رەستىلەردە ساپا سۈرگەننى.
ھامان بىلسەن خاتا كۈلگەننى،
بىلەلمىدىڭ ئۆزىڭنى ئوغلۇم.
ئويناشلىرىڭ رىستۇران دىبا،
ياتارجايىڭ بىر ئەخلەت خانا.
بولمىدىڭ ھېچ خىجالەت يانا،
بىلەلمىدىڭ ئۆزىڭنى ئوغلۇم .
قىمارئويناپ يۈرۈپ سەن تەخى،
ئىزدەپ كەلدى جەز خو سېنى.
مەندىن ئالدى يەنە قەرزىڭنى،
بىلەلمىدىڭ ئۆزىڭنى ئوغلۇم .
چىكۋاپسەن خىروئىن نەشە،
بىز سېنىڭدىن قىلدۇق ئەندىشە.
ھارق ئىچىش يەتمەمتى ئەيتە،
بىلەلمىدىڭ ئۆزۈڭنى ئوغلۇم .
ئويۇن ئويناپ ئوتىۋەرگىنىڭ،
ئۆزئۆزەڭنى ۋەيران قىلغىنڭ.
يۈرەكىمنى دەرتتە تىلغىنىڭ،
بىلەلمىدىڭ ئۆزىڭنى ئوغلۇم .
نەسھەتلىرىم ياق مىدى ساڭا،
ياشا ۋەردىڭ خاتادىن خاتا.
سېلىپ قويدۇڭ كۆپلىگەن جاپا،
بىلەلمىدىڭ ئۆزىڭنى ئوغلۇم .
ئۆتۈندىم مەن سېنىڭدىن نەچچە،
ياخشى يولغا ماڭساڭ دەپ شۇنچە.
سەن ياشىدىڭ ئۆزەڭ بىلگەنچە،
بىلەلمىدىڭ ئۆزىڭنى ئوغلۇم .
ئاناڭغىمۇ قېرىلىق يەتتى،
مىنڭ مۇھەم ماغدۇرۇم كەتتى.
بار ئۈمۈدلەر سەندىن كېلەتتى،
بىلەلمىدىڭ ئۆزىڭنى ئوغلۇم.
بىزمۇ ھامان كېتمىز بىركۈن،
كۆز ئالدىڭدىن يۈتمىز بىركۈن.
كۆزىڭنى ياش ئىتمىز بىركۈن،
بىلەلمىدىڭ ئۆزىڭنى ئوغلۇم .
بىز كەتكەندە يىغلاپ قالارسەن،
دەرت ئۇتىدا كويۈپ يانارسەن.
پۇشايماننى شۇچاغ قىلارسەن،
بىلەلمىدىڭ ئۆزىڭنى ئوغلۇم .
2016…8…17
| 55 قېتىم كۆرۈلدى | dlkax | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-10-10 5:10:08 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|