بۇ جاھاندا بارمۇ سەن يايرىم
ھوشۇر ئامىرجان ئاتەشى
ئۇزاقلاردا يىتى قارايىڭ ،
بۇ جاھاندا بارمۇسەن يايرىم ؟
رەڭگى -رۇيىم زەپىران مېنىڭ ،
بۇ جاھاندا بارمۇ سەن يايرىم ؟

سىمايىڭنى ئىزدەپ تاپمىدىم ،
كۆپكۈك ئاسمان يا يەر تېگىدىن .
كىچەلمەيمەن سېنىڭدىن جېنىم ،
بۇ جاھاندا بارمۇ سەن يايرىم ؟

ئەلەملەردە يولتۇزلۇق ئاسمان ،
شاتلىقىمنى قىلىدۇ گۇمران .
ئۇچراتمىدىم نىگاھىڭنى جان ،
بۇ جاھاندا بارمۇ سەن يايرىم ؟

ھايات بولساڭ قايتىپ كەل رەنا ،
ئۇچۇشەيلى جوپ بولۇپ قايتا .
ھەممە يالغان ئۆلۈمدىن باشقا ،
بۇ جاھاندا بارمۇ سەن يايرىم ؟
| 169 قېتىم كۆرۈلدى | ejran | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-6-20 0:17:50 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
| 2016-7-5 13:13:37 | يۈسۈپجان |
| بۇ شېئىر ئانچە قاملاشماپتۇ | |
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|