چىچەك توزىمىسۇن (شېئىر) - تۇرغۇن راخمان

 چىچەك توزىمىسۇن
تۇرغۇن راخمان (كەمتەر)

گۈللىرىڭنى پەرۋىشلىگىن،غۇنچىلار چىقسۇن،
قىزارغاندا غۇنچەلىرى،كۆڭۈل يايرىسۇن،
ئاچىلدۇرۇپ ئۆزگىن پۇراپ،سۆيۈنسۇن يۈرەك،
ئۇنۇتمىغىن ئوزۇقلاشنى،ياتلار بىلمىسۇن.

خۇشخۇي ھېدلار دېماقلارغا ئۇرۇلۇپ تۇرسۇن،
ئۇنتۇپ قالما،ئاتاڭ قىسسۇن،ئاناڭ پۇرىسۇن،
چاتاپ تۇرغىن ياۋىسىنى،ئۈگەنسۇن بالاڭ،
سۇنۇپ تۇرغىن دوسلۇرىڭغا،يوللار ئېچىلسۇن.

باللىرىڭمۇ پۇراپ باقسۇن،ھوزۇرلار ئالسۇن،
چىكىسىگە قىسىپ بېقىپ،ئۈمۈدكە تولسۇن،
ھايات شۇنداق رەڭگا-رەڭدۇر،ئەتىمىز گۈزەل،
پەرۋىشلىگىن گۈلۈڭنى،چىچەك توزىمىسۇن.
     





66 قېتىم كۆرۈلدى تۇرغۇن راخمان(كەمتەر) ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-3 10:05:55  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ