ئانام بولسا (ناخشا تېكىستى) - مەمەتجان سەمەت

ئانام بولسا
مەمەتجان سەمەت

كۈندە غەمدە ئۆتمەس ئىدىم ئانام بولسا،
يىغلاپ ياشلار تۆكمەس ئىدىم ئانام بولسا.
پۇراپ   ھىدىنى   قېنىپ    تازا   مېھرىگە،
غەمسىز ئويناپ كۈلمەس مىدىم ئانام بولسا.

دەرت ئىچىدە ئۆتەر كۈنۈم زار. زار قاقشاپ،
بەخىت پەيزى سۈرەلمىدىم خۇشال يايراپ.
گۈزەل چۈشلەر كۆرەلمىدىم تاتلىق ئۇخلاپ،
تاڭ   ئاتقىچە  تۈنەر  مىدىم  ئانام  بولسا.

جېنىم ئانام بولمىغاچقا ھەسرەت چېكىپ،
كۆڭلۈم يېرىم بولار دائىم غەمدە قېلىپ.
ئانىسىزلىققا  كۆنەلمەي  بۇنداق  چېنىپ،
غېرىپ سىنىپ يۈرمەس ئىدىم ئانام بولسا.

ئاپتورنىڭ ئۈندىدارى : 308381500
ئاپتورنىڭ   ئىسمى   بىلەن   تارقىتىڭ
     





393 قېتىم كۆرۈلدى mamatjan520 ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-11 19:44:22  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ