ئاق قۇشقاچ

ئاق قۇشقاچ


  ئاق قۇشقاچقا قىلىمەن ھەسەت،

شۇخلۇقىڭنى ماڭا قۇيۇپ كەت.

ساڭا ئاتاپ ياسىدىم ئۇۋا،       

   ئۆيلىرىمدە مىھمان بۇلۇپ كەت.


   سەن ئۈچۈنلا چېچىلغان داندىن،

  بىر مەرتىۋە ئېغىز تىگىپ كەت.

رەگەتكەمنى قويدۇم يۇشۇرۇپ،

      ھودۇقماستىن سايراپ بىرىپ كەت.


  مەي باغلاپتۇ ھويلامدا ئۈجمە،   

تالاشمايمەن تازا تۇيۇپ كەت.  

يوللىرىڭغا زارىقتى كۆزۈم ،    

  پەيلىرىڭدە يېشىم سۈرتۈپ كەت.


تۇنجى قاردا تۇتمايمەن سىنى،

كۆك قەرىدە پەرۋاز قىلىپ كەت.

    ئۆمرۈڭ ئۇزۇن بولسۇن مىنىڭدىن،

ياشاپ ئەركىن بىھىشلەرگە يەت.


                                                                                  - ياۋا گۈل  





125 قېتىم كۆرۈلدى گۈلئايىم (ياۋا گۈل) ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-9-7 0:50:17  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ