تەنھا تۇيغۇ - شاھتۈرك

 تەنھا تۇيغۇ
ئەمەرجان ماخسۇت شاھتۈرك


ئالدايدۇ رىئاللىق شېرىن چۈش كەبى،
ھىجراننىڭ سايىسى تۇرىدۇ پايلاپ.
سىڭىسەن دۇنيانىڭ يالغۇزلۇقىغا،
قۇچاقلاپ ياتىسەن بىر دۈۋە ئازاب.

ياش تۆكمەك بولىسەن يالغۇزلۇقۇڭغا،
ئىچىڭنى بىر ئاچچىق تۇرىدۇ ئۆرتەپ.
شۇنچىلىك جىمجىتلىق بولىدۇ ھەمراھ،
كەلمەيدۇ ئېغىزىغا ھېچقانداق بىرگەپ.

ئەسلىمەك بولىسەن تۇنۇش بىراۋنى،
سەن تونۇش بۈگۈندە كېچە ناتۇنۇش.
شۇنچىلىك پەرۋاسىز بولۇپ ھەممىگە،
ئېسىڭگە كەلمەيدۇ ھەممىدىن قورقۇش.

دەردمەندەك سۈكۈتتە ئىنكاسسىز، ئۈنسىز،
تۆت تېمىڭ مۇڭۇڭنى تۇرىدۇ ئاڭلاپ.
خاتىرەڭ بېتىدە رەڭگارەڭ دۇنيا،
ئۇنتۇماق بولىسەن ئۆزەڭنى ئالداپ.

بۇكېچە كىملەردۇ ئۆلۈپ كېتىدۇ،
بىر يۇلتۇز سامادىن ساقىپ چۈشكەندەك.
كېتىسەن گۇياكى تاشقا ئايلىنىپ ،
ئېچىشماس ۋە بەلكىم تۇيماس بۇيۈرەك.

2016-يىلى 27-ئۆكتەبىر كېچە
يۇرتى قاراقاش
     





95 قېتىم كۆرۈلدى xahturk666 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-28 3:12:42  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ