يۈرىكىڭنى ئوقۇپ باققۇم بار

         يۈرىكىڭنى ئوقۇپ باققۇم بار  

قەلەمدە : نۇربىكە

يۈرۈكۈڭنى ئوقۇپ باققۇم بار،
نىمە قۇرلار پۈتۈلگەندۇ دەپ.
ماڭا يازغان مەكتۇپلىرىڭدا ،
دىل ياراڭنى يۇشۇرغانمۇ دەپ.

يۈرۈكۈڭنى ئوقۇپ باققۇم بار،
قايسى رەڭدە يېزىلغاندۇ دەپ.
ۋاپانىڭ ئاق رەڭلىك روماللىرىدا،
كۆز يېشىنى سۈرتكەنمىدۇ دەپ.

يۈرۈكۈڭنى ئوقۇپ باققۇم بار،
كىم ھەققىدە يېزىلغاندۇ دەپ.
قان تامچىپتۇ قەلەم تىلىدىن،  
ۋىجدان دارىغا ئېسىلدىمۇ دەپ.

يۈرۈكۈڭنى ئوقۇپ باققۇم بار،
مەن ھەققىدە يازغانمىدۇ دەپ.
قويغان ئۇزۇن چىكىتلىرىڭدە،
‌تىلى ئاجىز كەلگەنمىدۇ دەپ.

يۈرۈكۈڭنى ئوقۇپ باققۇم بار،
كەچمىشىدە يۈرگەنمىدۇ دەپ.
قىسمەت ئاتلىق ئارقا كۇچىدا،
غەمگە پېتىپ ياتقانمىدۇ دەپ.

مۇھەرىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى 

ئۈندىدار : 2041420589

     





479 قېتىم كۆرۈلدى Nurbike ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-5-29 18:26:25  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ