ئاخىرەتكە خەت
مۇھەممەد ئەركىن چىن يار
قولۇمدا قەغەز قەلەم ،
شىتتىرلايدۇ ئاياغ تىۋىشدەك .
روھىمنى يېزۋاتىدۇ سىزىقچىلارغا ،
خۇددى ئۆلۈمنى سېغىنغاندەك .
بىر چاغلاردا مەن دائىم قاۋاقخانىدا ،
نەچچە بوتولكىنىڭ چىشىنى چاققانتىم .
گاھىدا تامدىكى سايىلەرگە ،
بىر نەچچە رومكا زورلايتىم .
قۇچۇقۇمدا نۇرغۇن گۈزەللەرنى ئولتۇرغۇزۇپ ،
توختىماي ۋېناس ،ۋېناس دەپ توۋلايتىم .
مەس بولۇپ قالغاندا پۈتكۈل كىيىملىرىمنى سېلۋېتىپ ،
كوچىلاردىن قارا تاشلارنى تېرەتىم .
ئاندىن يۈركۈمنىڭ رەڭگى بىلەن سېلىشتۇراتىم ،
ئۇ چاغدا ئەزىرائىل بەكمۇ ئوماق ئىدى .
پىخىلداپ كۈلۈتى ،
جېنىمدىن بىر تال تېرىقنى ئېلىش ئۈچۈن .
مەن ئۇيقۇدا ،
ئۇنىڭ تېلېفون نومۇرنى سوراش كويىدا ،
ئەمما زۇۋانىم تۇتىلاتى .
تىللىرىم مەندىن تاناتى ،
ئاخىرەتنىڭ تىزىملىكىدىن ئىسمىمنى كۆرگەندە ،
خۇشامەت خېتى يازاتىم .
ناتونۇش ئادىرىسلارغا …
| 52 قېتىم كۆرۈلدى | مۇھەممەد ئەركىن چىن يار | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-9-23 21:26:15 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|