ئاشىق بالاسى
ئەسقەر قۇربان
سېنى شۇنداق ئويلىغانسىرى،
ئىشىق ئوتى ئارامىمدا قويمىدى مېنى،
يۈرىكىمنىڭ چوڭقۇر قېتىدىن،
سۆيۈپ قاپتىمەن ئەسلىدە سېنى!!!
ساڭا كۆيمەسلىكىم كېرەكمىدى يا،
سېنى سۆيمەسلىكىم كېرەكمىدى يا،
مەجنۇن بولۇپ ئىشىق ئوتۇڭدا،
مانا ئەمدى تېرىلدى بالا !
مەن چىدىيالمىدىم كۆيۈك ئازابىدا بەكمۇ قىيلىنىپ .
بۇ مەن ئۈچۈن نىمە تارتقۇلۇق .
ئوت ئۈستىدىكى قىلدەك تولغۇنۇپ ،
كېچىلىرى ياتالماي نەچچە ئويغۇنۇپ!!!
ئاشىقلىق ئىچىدە قالدىم قاپسىلىپ ،
تىلىم -تىلىم بوپ كەتتى باغرىم.
مەن شۇنداق بىر تەلۋە ئاشىقمەن،
كېچەلمەيمەن سەندىن نىگارىم!!!!
مەنبە:( كۈندىلىك خاتىرەمدىن ) ئاقسۇ-كەلپىن
191 قېتىم كۆرۈلدى | ikbal | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-1-2 19:00:07 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|