مەن سېغىندىم سېغىنمىدىڭمۇ
مەن سېغىندىم سېغىنمىدىڭمۇ ئېلىجان ئابدۇكېرەم ( بارچۇق ئوغلى ) يوللۇرۇڭغا قاراپ ئولتۇردۇم، مەن سېغىندىم- سېغىنمدىڭمۇ. كۈتتۈم سېنى ھېجرانغا تولدۇم، مەن سېغىندىم- سېغىنمدىڭمۇ. كەتكەنمىتىڭ پەقەت كەلمەسكە، پەقەت ماڭا كۆڭۈل بەرمەسكە، يۈرەكىمنى قالدۇردۇڭ دەردكە، مەن سېغىندىم-سېغىنمدىڭمۇ. قاچۇرمىغىن مەندىن ئۆزۈڭنى، ئاڭلىغىم بار شىرىن سۆزۈڭنى، كۆرگۈم كەلدى ئايدەك يۈزۈڭنى ، مەن سېغىندىم -سېغىنمدىڭمۇ. يۈرىكىمدىن سېغىنغاچ سېنى، ھېجرانلىرىڭ قىينايدۇ مېنى، راست سۆزۈڭنى ئېيتقىنا قېنى، مەن سېغىندىم- سېغىنمدىڭمۇ.



99 قېتىم كۆرۈلدى dlkax ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-5-17 8:34:44  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ