بىر قىسىم شەھەر ناھيىلەردىكى ساخاۋەتچىلەرگە

‏‏‏بىر قىسىم شەھەر ناھىيەلەردىكى ساخاۋەتچى قېرىنداشلارغا!

 

 ‏باھارگۈل ئىبرايىم ‏ ‏

 

ئەسسالام دەپ ئالدىم قەلەمنى قولۇمغا،

 ‏ئالى تىلەك تىلىمەك بوپ بويلۇرۇڭغا.

 ‏لالە-رەيھان ئۈنسۇن باسقان يوللۇرۇڭغا،

 ‏دەرت كەلمىسۇن مىھىرداشلا قوللۇرۇڭغا!

 

 ‏ئۈرۈمچىدىكىلەرگە

 

‏ئۈچتاش ، شاپتۇللۇق ياكى بۇلاق تاغ،

 ‏ھەممىسى قوينىدا ئۆستۈرگەن سېنى.

 ‏ھەر ياققا سوزغاچقا مىھىرلىك قوللار،

 ‏يايرىدى مىسكىننىڭ غەم باسقان دىلى.

 

 ‏تۇرپاندىكىلەرگە

 

 ‏سەن ئۈچۈن «كارىز» مۇ ئوقۇدى ناخشا،

 ‏چۈنچىلەر ساخاۋەتتىن ئاستى كۆزمۇنچاق.

 ‏مىسكىنلەرمۇ شاتلىققا چۆمدى ئاخىرى،

 ‏غېرىپقا ، يوقسۇلغا سەن ئاچقاچ قۇچاق.

 

‏كورلىدىكىلەرگە

 

‏كۆنچى دەريا بويلىرىدا ئۆسۈپ يىتىلدىڭ،

 ‏ساخاۋەتنى دەريا كەبى كېڭەيتىش ئويۇڭ.

 ‏غېرىپ ھەم مىسكىننىڭ غەمخانى بولغاچ،

 ‏دوئا بىلەن ئامان بولسۇن شۇئالتۇن بويۇڭ.

 

 ‏ئاقسۇدىكىلەرگە

 

 يۈرەكلەرگە بىر ئىللىق مىھىر تارقىتار،

ساخاۋەتتىن نۇر ئالغان ئالمىدەك يۈزۈڭ.

ئۈزۈلمەيدۇ تىللاردا ساڭا داستانلار،

مىسكىنلەرنى ئويلىغاچ ھەر دائىم ئۆزۈڭ.

 

 ‏ئاۋاتتىكىلەرگە

 

 مۇسەللەسنى كۆڭۈل قويۇپ ئېچىتقاچ ئۆزى،

 ساخاۋەتتە چاقىرىقتۇر ھەر ئېغىز سۆزى.

ئىللىقلىققا تۈس بەرگەچ رەڭلىك پاختىدەك،

 ساڭا چۈشتى پۈتۈن دۇنيا خەلقنىڭ كۆزى.

 

 ‏ئۈچتۇرپان‏دىكىلەرگە

 

 ‏يۈرۈكۈڭدە بىر ئېقىن دولقۇنلايدۇ بەھەيۋەت،

دەريا كەبى مىھىرگە تويۇندۇرۇپ دىللارنى.

 «يەتتەقىز»نىڭ نامىدەك داۋاملاشسۇن ساخاۋەت،

 «توققۇز»بۇلاق سۈيىدە يۇيۇندۇرۇپ يىللانى.

 

 ‏بايدىكىلەرگە

 

 ‏مېھنەتتە تاۋلانغاچ چېھرىڭ نۇرانە، ‏

ئەجرىڭدىن پۈركىنەر تارىخ بەتلىرى.

‏قىلغان ئىشلىرىڭ گۇۋاھچى شاھىد،

‏قالدۇردۇڭ ئەۋلادقا مىھىر ئەنبىرى.

 

 ‏ توغرىنى تاللىماقتا قېرى ھەم ياشلا،

‏ساخاۋەت كۈيىنى ياڭراتقاچقا سەن.

‏مىھىرلىك قەدىمىڭ باشلار ھەممىنى،

 شۇڭا ھەر دائىمما ساغلامدۇر بەدەن.

 

‏كۇچاردىكىلەرگە

 

 كۈسەن خەلقى ئۈچۈن سەن مىھىر سۆيگۈ دەرياسى،

دولقۇن ياساپ ئاقىسەن كۈسەن خەلقى قېنىدا.

 ئارمانىڭغا مەڭگۈلۈك قانات بەرگەچ ساخاۋەت،

 سەن چاقنىغان بىر يۇلتۇز مىھر-ۋاپا بېغىدا.

 

 ‏توقسۇدىكىلەرگە

 

 ‏سەن بولغاچ خوشاللىق مەۋجۇت توقسۇدا،

‏سەن بولغاچ ساخاۋەت تاپتىغۇ ۋىسال. ‏

سەن بولغاچ ھەل بولدى يوقسۇلنىڭ غېمى،

 ‏سەن بولغاچ توقسۇدا پارلاق ئىستىقبال.

 

 ‏خوتەندىكىلەرگە

 

 ساخاۋەتنى ئاممىغا سەن ئېلىپ كەلگەچ،

 يوقسۇللارغا مىھىردىن بىر قۇچاق كەلدى.

 مول - ھوسۇللار ياراتقاچ ئەجىر مىھرىدىن،

 ‏يۇرۇڭقاشمۇ ھاياجاندىن لەرزىگە كەلدى.

 

 ‏قاغىلىقتىكىلەرگە

 

 يىل قېرىسا قېرىيدۇكى بەلكى قېرىماس،

 سەن ياشناتقان مېھىر - مۇھاببەت.

 ‏شۇڭا دەيمەن قاغىلىقتا پورەكلەر ئاچسۇن،

‏يىلتىزلار تارتىپ خەير - ساخاۋەت.

 

‏ئاتۇشتىكىلەرگە

 

 ‏ساخاۋەتلىك چىمەنلىك گۈل باغ ئىچىدە، ‏

كۆردۈم سىلەرنى ئاتۇش ئوغۇل-قىزى.

 ‏ئەنجۈر ، شاپتۇل خۇددى يۇلتۇزدەك،

 ‏سىلەر گوياكى چولپاننىڭ ئۆزى.

 

 ‏ھەممەيلەنگە

 

‏ئاستا- ئاستا ئىللىدى يوقسۇلنىڭ قەلبى،

 ‏كىرىشكەچكە ساخاۋەت سازى چېلىشقا.

 ‏پۈتۈن دۇنيا تەشەككۈرلەر ياڭراتتى مانا، ‏

مىھرى ئىللىق ساخاۋەتلىك شاھ ۋە خانىشقا.

 

‏ ‏2014-يىل31-ئۆكتەبىر باي





240 قېتىم كۆرۈلدى باھارگۈل ئىبرايىم ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-4 17:20:09  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-8-5 9:20:45 ئىسرافىل
قومۇلدىكىلەرگە يوقما
2015-8-5 8:44:20 شېرىن
بەكلا ياخشى يىزىلىپتۇ
2015-8-5 8:21:07 مۇزات ئ‍وغلانى
ھەقىقەتەن ياخشىي يېزلىپتۇ،بارىكاللايېزلىپتۇ،بارىكاللا
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ