تۈگەپ كىتىش
ئېزىزتۇرسۇن خەنجەرى
بىرسۆزبارتى، بۇ يېقىندىن بىرى بەك كۆپ ئاڭلاپ كەتتىم. بۇرۇنمۇ ئاڭلار بوغىيتىم، ئەمما مۇشۇ يېقىنقىدەك يۈرۈگۈم سىقىلىپ، نەپسىم تىزلىشىپ، دىمىقىم ئېچىشىپ كۈزۈمگە ياش كىلىپ باقمىغان بولغىيتى ، قاچانكى دادامدىن بەكلا تۇيۇقسىز ئايرىلىپ قالدىم، شۇ كۈندىن باشلاپ بۇ سۆزنى ئاڭلىساملا قەلبىم تىتىرەيدىغان بۇلۇپ قالدى، بۇ سۆز دەل «تۈگەپ كەتتى» ئىدى.
ئۇ يانچۇقتا پۇل تۈگىگەنگە، ماشىنىدا ماي تۈگىگەنگە، ئۆيدە ئۇن،ماي،گۈرۈچ تۈگىگەنگە ئوخشىمايتى، چۈنكى بۇلار تۈگەپ كەتسە يەنە پەيدا قىلغىلى بۇلاتتى، ئەمما مەن دەۋاتقان نەرسە تۈگەپ كەتسە مەڭگۈ تۈگەپ كىتەتتى...
جان قۇشى تەن قەپىزىدىن ئايرىلىپ «بار»لىق دۇنياسىدىن «يوق» لۇق ئالىمىگە كەتكەندە تىرىكلەرگە مۇشۇ سۆز قالاتتى.ياخشى كەتكەنلەرگە ئۇزارتىلىپ، مەدھىيلىنىپ، ئەسلىنىپ ھەمرا بۇلاتتى بۇ سۆز، يامانراق كىتىپ قالغانلارغا قىسقىراپ «ئۆلدى» گە ئۆزگىرەيتى بۇ سۆز، ئەمما ئۆلگەنلەرنىڭ كەينىدىن غەيۋىتىنى قىلىش گۇناھ دەپ تۇراتتىيۇ يەنە يامان گىپى تۈگەپ كەتمەيتى، دىمەك «تۈگەپ كەتتى» ئۇنداق ئاسان گەپ ئەمەس ئىدى، خۇددى ئادەمنى كۈمۈپ قۇيۇش بىلەن سەۋزە-چامغۇرنى كۈمۈپ قۇيۇش ئوخشىمىغاندەكلا....
نىمىشقا تۈگەپ كىتىدىغاندۇ؟نىمىشقا ياشلارتۈگەپ كىتىدىغاندۇ؟ نىمىشقا ياخشىلار تۈگەپ كىتىدىغاندۇ؟ ...سۇئاللىرىم بەك كۆپ ئىدى،بۇ سۇئاللارغا تۈگەپ كىتىشتىن ئاۋال جاۋاپ چىقارمۇ ياكى تۈگەپ كەتسەم جاۋاپ چىقارمۇ بىلمەيمەن. مەن تۈگەپ كىتىشنىڭ ئاخىرقى بىكىتىگە كىتىپ بارماقتىمەن، تۈگەپ كىتىش ھەم مىنى ساقلاۋاتىدۇ، قاچانلىغىنى بىلمەيمەن، ھامىنى بىركۈنى............
2016-يىل15-نويابىر
155 قېتىم كۆرۈلدى | margimux | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-11-15 16:32:57 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|