ساۋاقداش
خالمۇرات ھۋىزاخۇن شەيدايى
بىر مەكتەپتە سىنپتا ئۇقۇغانتۇق ساۋاقداش،
ئىلىم -ئىرپان كانىدا بەسلەشكەنتۇق ساۋاقداش.
دوختۇرلۇققا يۇل ئالدۇق ئىناق بۇلۇپ ساۋاقداش،
شۇ ۋاقىتا ھەمىمىز قۇشماق ئىدۇق ساۋاقداش.
مەكتەپ قۇينى باغ-ئىرەن تۇنۇشتۇردى بىزلەرنى،
بىلىم ئىلىش جەرياندا بۇلۇپ قالدۇق ساۋاقداش .
ھەر يۇرتلاردىن كەلگەن بىز شۇخ يىگىت ھەم لىۋەن قىز،
بۇلۇپ قالدۇق ھەم يەنە قۇشماقلاردەك بىز ئاداش.
مەكتەپنىمۇ پۈتۈردۇق مىڭ جاپادا تىرىشىپ،
بۈگۈن مانا خىزمەتتە ئۇتتۇقلارغا ئىرىشىپ.
مەيلى يىللار قانچىلىك ئۆتتۈپ كەتسۇن تىزلىشىپ ،
تاشلاشمايلى ئۆزئارا ئۆتتەيلى بىز ئىزدىشىپ.
تالاي يىلىنى ئۆتكۈزدۇق خىزمەت دىدۇق ھارمىدۇق،
بالا بىقىپ چۇڭ قىلىپ ھالاۋەتلەر كۆرمىدۇق.
سىغىنساقمۇ ئۆزئارا ئىزدىشەلمەي بىز يۈردۇق ،
ئەمدى ئاخىر جەم بۇلدۇق بىزلەر ھامان ساۋاقداش.
تەغدىر دىدۇق ھەمىشە كەلسە كۈلپەت باشلارغا،
تارىغ سالدى قۇرۇقلار ئاق كىرىپتۇ چاشلارغا.
بىزدىن قالسۇن ياخشى نام ئارقىدىكى ياشلارغا،
تەڭ قىرىپتۇق چارچاپتۇق ياشلىقتىكى ساۋاقداش .
بۈگۈن يەنە جەم بۇلدۇق خۇشالىقتا شاتلاندۇق ،
چاي بۇلۇپتۇ سۇپتايدا ئەتىگەندە ئاتلاندۇق.
ئۆتمۈشلەرنى ئەسلىشىپ كۆزلەرنىمۇ ياشلاپتۇق،
ساق سالامەت بۇلايلى كۆرۈشكىچە ساۋاقداش.
2017 -25-3 كۈنى سۇپتاي
88 قېتىم كۆرۈلدى | خالمۇرات شەيدايى | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-3-26 9:55:44 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|