نىگارىمدىن ئايرىماق بوپ بىرلىرى
ئەكبەر ئىدرىس ئەرچىن
نىگارىمدىن ئايرىماق بوپ بىرلىرى ،
سۆيمە ئۇنى تاشلاپ يىراق كەت دەيدۇ .
تىپىپ باشقا ئۇز سۈلكەتلىك بىر قىزنى ،
سۆيۈپ ئۆتكىن ۋىسالىغا يەت دەيدۇ .
قانداق يۈرەك كىچىدۇ ئۆز يارىدىن ،
ۋاپاسىز بوپ لەنەت ئالغۇم يوق مىنىڭ .
سۆيۈپ باقاي ئاداققىچە نىگارىم ،
گۈرىلدىسە ئەجەپ ئەمەس ئوتلىرىڭ .
بىزار بولدۇم دىلغا يارا دوسلاردىن ،
سۆيگۈ نىمە ساداقەت ھىچ بىلمەيدۇ .
پەرۋاز قىلسام قانات قىقىپ شادلىقتا ،
ئىچ ئىچىدىن ئىچىلىپ يا كۈلمەيدۇ .
ئايرىماق بوپ نىگارىمدىن بىرلىرى ،
مەندەك غىرىپ يار كۆڭلىنى بىلمەيدۇ .
ئەرچىن ئۆلسە ئۆلىدۇكى نىگارچۈن ،
چىن ساداقەت سۆيگۈسى ھىچ ئۆلمەيدۇ …
نىگارىمدىن ئايرىماق بوپ بىرلىرى ،
يىشىم ئۈچۈن ئۆلۈشكە رازى كۈلمەيدۇ …
2016.يىلى 30.ئۆكتەبىر كۈيتۈن
| 68 قېتىم كۆرۈلدى | arqen | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-10-31 0:58:32 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|