ئىشەنمە ھاياتقا ھەدىدىن ئارتۇق
ھوشۇر ئامىرجان ئاتەشى
ھېچكىمگە ئەبەدىي ئەمەستۇر دۇنيا ،
ئىشەنمە ھاياتقا ھەدىدىن ئارتۇق !
ھەركىمنى قوينىغا ئالىدۇ تۇپا ،
ئىشەنمە ھاياتقا ھەدىدىن ئارتۇق !
ئالتۇنمۇ يوق بولۇر خەسىسمۇ ئوخشاش ،
ئالىممۇ يۇق بولۇر نىجىسمۇ ئوخشاش .
ھايات ئۇ بىردەملىك ماتراستا ئۇخلاش ،
ئىشەنمە ھاياتقا ھەدىدىن ئارتۇق !
گۈل ئۆستۈر ھېدىنى پۇرىسۇن ھەممە ،
گۈل پۇراپ ياشاشنىڭ ئۆزى قۇت -غەلبە .
ئىككى كۈن ئارتىس سەن ھايات سەھنىدە ،
ئىشەنمە ھاياتقا ھەدىدىن ئارتۇق !
شۇنداق بىر يىقىنىم كەتتى ئارىدىن ،
گاس بولدى قۇلىقىم پەرياد -نالىدىن .
كىم ئىلغاپ ياشىدى ئاقنى -قارىدىن ؟
ئىشەنمە ھاياتقا ھەدىدىن ئارتۇق !
كۈلۈپ يۈر بەرىبىر خاكقا تەئەللۇقسەن !
شەيتاننىڭ دىپىنى چالغان مەخلۇقسەن !
پەرىنىڭ يۈزىگە چۈشكەن قۇرۇقسەن !
ئىشەنمە ھاياتقا ھەدىدىن ئارتۇق !
| 83 قېتىم كۆرۈلدى | ejran | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-11-28 14:02:04 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|