دىل بايان (شېئىر) - خەنجەرى

دىل بايان

خەنجەرى

ئۈزەم تاپقان بالاغا مەن نەگە باراي دەۋاغا،
خەققە تۆكمەي دەردنى ئەمدى  تۈكىۋىتەي ھاۋاغا،
پۇشايمانغا قاچايوقتۇر،كۆك ئاسمانغا ئاچا يوق،
كۆڭلۈمنىڭ ھىچ مەيلى يوق نەئۇسۇل نە ساماغا.

ئۆزەمنى كاۋاپ قىلدىم ئازاپتا گۈلخان ئىتىپ،
يۈرۈگۈمنى ئىزىمەن،مىڭەمنى بازغان ئىتىپ،
گۈللىرىمنى يۇلىمەن،ئوت ئىتىپ ئازغان ئىتىپ،
جىن چاپلاشسا چاپلاشقاندۇ بىھاجەتمەن تۇماغا.

سۇنۇپ ئەينەكتە مىڭ پارە،ئۆزەمگە قىلىپ زارە،
كۈلپىتىم يۈرەكتىدۇر تاپمىدىم ئاڭا چارە،
جىنىمنى قىيناش بىلەن بۇلۇرمەن كۈندە ئاۋارە،
ئىچىڭ ئاغرىمدىكىن رەببىم مىنىڭدەك بەختى غۇۋاغا.

      2017.2.13
     





116 قېتىم كۆرۈلدى ئېزىز تۇرسۇن ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-2-14 1:44:56  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ