نىسى پۇلنى بىرىۋىتىڭلار - ئېزىز تۇرسۇن خەنجەرى

نىسى پۇلنى بىرىۋىتىڭلار

ئېزىزتۇرسۇن خەنجەرى

سۆز ئېچىشقا مەجبۇر قىلدىڭلار،
چۈنكى مىنى ياۋاش بىلدىڭلار،
مەن دەۋىتەي كەچۈرۋىتىڭلار،
نىسى پۇلنى بىرىۋىتىڭلار...

نەق سودىدىن چىقاتتى ھەسەل،
نىسى بىرىپ بولدۇمغۇ كىسەل،
كۆزيۇمغىچە پېقىر بىمەھەل،
نىسى پۇلنى بىرىۋىتىڭلار.

نىسى بىرىپ ساتقان مېلىمنى،
باقماقتىمەن ئاران جېنىمنى،
شورىماستىن ئەمدى قېنىمنى،
نىسى پۇلنى بىرىۋىتىڭلار.

ئائىلەم بار سىلەرگە ئوخشاش،
پۇل بولمىسا ئاسانمۇ ياشاش؟
ئەتە بىرەي دىگەنغۇ ئاداش،،،
نىسى پۇلنى بىرىۋىتىڭلار.

تويغۇزدۇڭلار يۈزبەرگىنىمگە،
بىرىدۇ دەپ ئىشەنگىنىمگە،
جىگدە سالماي ئەمدى چىنەمگە،
نىسى پۇلنى بىرىۋىتىڭلار.

مال ئالغاندا بۇلۇپ ئىچقۇيۇن،
پۇل بىرەردە قاتاركەن بويۇن،
بولدى ئەمدى قويماڭلار ئۇيۇن،
نىسى پۇلنى بىرىۋىتىڭلار.

ئۈيۈڭلەرگە پۇل دەپ كىرگۈم يوق،
كۆرگەن يەردە قاپاق تۈرگۈم يوق،
سوتقا ئەرىز قىلىپ يۈرگۈم يوق،
نىسى پۇلنى بىرىۋىتىڭلار!

    2015-يىل 5-ئاي
     





55 قېتىم كۆرۈلدى margimux ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-15 10:20:41  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ