گۈل سۇنار ئىدىم
ئەجدادلارنڭ باسقان ئىزى ئۆچۈرلمسە,داۋام قىلسا،
ئەجىردىن تىككەن كۆچەت قۇرتۇلمىسا,زەپ ئاينىسا.
ئانا دەريا_تارىم سۈيى توختىمىسا,شوق ئوينىسا،
تەۋەرۈكمىز مۇقام كۈيى ئۈزۈلمىسە,مۇڭ ياڭرىسا.
دەستە گۈللەر سۇنار ئىدىم ھۆرمەتتە مەن قوللۇرڭغا.
ئەلنىڭ سۈيىدە ئېقىپ,ئوتلارىدا سەن كۈيەلىسەڭ،
ئۆز خەلقىڭنى يارىڭ كەبى چىن يۈرەكتىن سۆيەلىسەڭ.
ئەل غېمىنى ئۆز غېمىڭدەك بېشىڭدا تىك كۆتۈرەلىسەڭ،
ئەلنى گويا ئۆز ئاناڭدەك ھۆرمەتتە ئۇلۇغ كۆرەلىسەڭ.
دەستە گۈللەر سۇنار ئىدىم ھۆرمەتتە مەن قوللۇرىڭغا.
غەززىپىڭدىن نامەرتلەرگە ھەق خەنجىرى سانجالىساڭ،
ۋاپادارغا ئۆز مىھىرىڭدىن كەڭرى قۇچاق ئاچالىساڭ.
مىسكىنلەرگە قۇياش كەبى ئىللىق نۇرۇڭ چاچالىساڭ،
ئەل دۈشمىنىنى يەر بىلەن يەكسەن قىلىپ يانجالساڭ.
دەستە گۈللەر سۇنار ئىدىم ھۆرمەتتە مەن قوللۇرىڭغا.
قوللىرىڭدىن كەلسە ئەگەر ئايىمىساڭ ھىممىتىڭنى،
مال_دۇنياغا ساتمىساڭ ئادىمىيلىك قىممىتىڭنى.
ساقلىساڭ,ئايىساڭ ئۆز غورۇرۇڭ,ئىززىتىڭنى،
بىلىم بىلەن بېزەكلىسەڭ ئىچكى دۇنيا,زىننىتڭنى.
دەستە گۈللەر سۇنار ئىدىم ھۆرمەتتە مەن قوللۇرىڭغا.
38 قېتىم كۆرۈلدى | abdu4745 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-9-18 22:34:42 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|