خارلانمىسۇن ئاناڭ ياققان نان

خارلانمىسۇن ئاناڭ ياققان نان


مۇھەممەت ئىمىن سەھرايى


ھالال مىھنەت تەرىدىن كەلگەن،
ئىشلەپ ئېتىزدا نېرىدىن كەلگەن.
ئېتىز-ئېرىق بويلىرى قىرىدىن كەلگەن،
خار بۇلمىسۇن ئاناڭ ياققان نان.


قان تەرلىرى بىلەن جاپادا كەلگەن،
تىل دەشنام ئاھانەت تاپىدا كەلگەن.
ئۇخلىماي كىچە-كۈندۈز تاپاردا كەلگەن،
خار بولمىسۇن ئاناڭ ياققان نان.

جۇدۇن ئىسسقتا ياققاندا كەلگەن،
پاشا چىۋىن چاققاندا كەلگەن.
داق يەرلەردە ياتقاندا كەلگەن،
خاربولمىسۇن ئاناڭ ياققان نان.

 

يۈكۈنۈپ يالۋۇرغان ياشىدىن كەلگەن،
ئاقارغان جاپادا چاچىدىن كەلگەن.
ئىگىلگەن زىلۋا بوي ساچىدىن كەلگەن،
خار بولمىسۇن ئاناڭ ياققان نان.

 

2015.8.20

خوتەن سەھەر

ناخشا تىكىست قىپ ئىشلەتسڭىز

 ئۈندىدار   18997657800  





174 قېتىم كۆرۈلدى ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-20 12:56:26  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ