ئىلتىجا (غەزەل) - مەمەتجان باش كارۋان

 ئىلتىجا
مەمەتجان  باش كارۋان

جام بىرلە قەدەھكە ئۆتكەن مەي بولسام،
دىللىرىڭغا ھۇزۇر بەرگەن سىرداش بولسام.

نە قالارمۇ يۈرەكتە ئارمان ئىزتىراپ بىرلە،
سەن ئەتىرگۈل مەن ھەم پەرۋانە بولسام.

خىياللىرىڭدىن ئۆچۈپ كەتسەم يىراقلارغا،
سۆيەرسەنمۇ باشقىنى مەن ۋەيرانە بولسام.

ئەقىدەمگە  ئىشەنچ كەبى كارۋان باشىدۇر،
ئىلتىجايىم شۇدۇركى ساڭا دىلكەش بولسام.
     





92 قېتىم كۆرۈلدى bashkarwan ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-18 11:56:25  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ